تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

«قەھرىمان كىچىك 8-ئارمىيە» كۆرگەزمىسى مەكتەپكە كىردى

شيامېن شەھەرلىك مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى پەن شىجيەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەينى يىللاردىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرمەكتە. (شۈ لىن فوتوسى)

خەلق تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، «جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى ئەترەت ناخشىسى» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، «قەھرىمان كىچىك 8-ئارمىيە روھى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى»نى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش بويىچە تۇنجى مەيدان سەييارە كۆرگەزمە فۇجيەننىڭ شيامېندا باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، 1958-يىلى «23-ئاۋغۇست» زەمبىرەك ئۇرۇشى پارتلىغان، ئەينى چاغدىكى شيامېن شەھىرى خېشەن 4-مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىنقى سەپ ئۆسمۈرلىرى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش پائالىيىتى چوڭ ئەترىتى قۇرۇپ، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگەن. مۇشۇ ئىش-ئىزلارغا ئاساسەن 1960-يىلى 10-ئايدا سۈرەتكە ئېلىنغان كىنو «قەھرىمان كىچىك 8-ئارمىيە»نىڭ باش تېما ناخشىسى «بىز كوممۇنىزم ئىز باسارلىرى» 1978-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت ناخشىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى