تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

پىچان ناھىيەسىنىڭ ھۆل ئۈزۈم سېتىش يوللىرى ياخشى بولماقتا

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ رۈيلىن خەۋىرى): 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن سودىگەر خۇ خاۋۋېن مۇخبىرغا پىچان ناھىيەسىنىڭ ھۆل ئۈزۈم سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەچكە، بۇ يىل ئىلگىرىكى 1000 توننا ئاساسىدا ھۆل ئۈزۈم سېتىۋېلىش مىقدارىنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئېيتتى.

  شۇ كۈنى پىچان ناھىيەسىنىڭ 2019-يىللىق ھۆل ئۈزۈم سېتىش ھەم ئۈزۈم مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، خۇنەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، خېيلۇڭجياڭ، شەندۇڭ، خۇبېي، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر بەس-بەستە، يېقىنقى ئىككى يىلدا، پىچان ناھىيەسىنىڭ ھۆل ئۈزۈم سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، زاكاز مىقدارىنىڭ يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  پىچان ناھىيەسى لۈكچۈن بازىرىدىكى ئۈزۈمچى دېھقان دىڭ تەيجياڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى قاتناش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۈزۈملەرنى قۇرۇتۇپ، قۇرۇق ئۈزۈم قىلىپ ساتاتتۇق. ھېلىمۇ ياخشى ھۆكۈمەت دېھقانلارغا مۇشۇنداق ياخشى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودىنى توغرىلاش سۇپىسى قۇرۇپ بەردى، ھۆل ئۈزۈم سېتىش يوللىرى يىلدىن-يىلغا ياخشىلاندى، بىر مو ئۈزۈمنىڭ پايدىسى ھازىر 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ھۆل ئۈزۈم زاكازلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش