تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تۇرپان مۇزېيىدا «مۇزېيدىكى ئاجايىپ كېچە» ئوينىلىدۇ

7-ئاينىڭ 4-كۈنى، تۇرپان مۇزېيىنىڭ «مۇزېيدىكى ئاجايىپ كېچە» پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈش نەق مەيدانىدا، كىچىك دوستلار دىنوزاۋر تاشقاتمىسى سارىيىدا قونۇشنى ھېس قىلماقتا.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر راۋ جۈنخۇا فوتوسى، خەۋىرى): مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تاشقاتمىلىرى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇپ «ئاجايىپ كېچە» نى بېشىڭىزدىن كەچۈرۈپ باققىڭىز بارمۇ؟ 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ھەر شەنبە كۈنى، تۇرپان مۇزېي «مۇزېيدىكى ئاجايىپ كېچە» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  يېقىندا، ئۈرۈمچى، سانجى، تۇرپان، شىخەنزە، قاراماي مەدەنىيەت-ساياھەت يۇغۇرما، ماس تەرەققىياتى ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلىپ، سىرتقا مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتىدىن 40 تۈرنى ئېلان قىلدى. تۇرپان مۇزېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇزېي باشلىقى دېڭ يۇڭخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇرپاننىڭ قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، «مۇزېيدىكى ئاجايىپ كېچە» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇشى ئورتاق تونۇشنى جانلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكتۇر.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت مۇزېينى چۈشىنىش، تارىخقا ۋارىسلىق قىلىش، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش، تارىخىي مەدەنىيەت ئوزۇقلۇق تامىقى ۋە «چۈشىدە ئىدىقۇتقا قايتىش» مۇزېيدا قونۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى، مۇزېينى چۈشىنىشتە، مۇتەخەسسىسلەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى چوڭقۇرلاپ چۈشەندۈرۈپ، يىپەك يولىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە يۇغۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدىكەن.

  «چۈشىدە ئىدىقۇتقا قايتىش» قونۇش ھالقىسىدا، ئىككى كۆرگەزمە زالىغا چېدىر قاتارلىق بۇيۇملار قويۇلىدىكەن، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئاجايىپ كېچىنى ئۆتكۈزسە بولىدىكەن.

  «زامان-ماكاندىن ھالقىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تاشقاتمىلار بىلەن بىر ئۆيدە، قەدىمكى ئىدىقۇتنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاش.» دېڭ يۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان 8ياشىن 14 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرگە، چوقۇم ئاتا-ئانىسى ھەمراھ بولۇشى كېرەك، سەككىز ياشتىن تۆۋەن بالىلار بۇ پائالىيەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى