سۈرەتتە : 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ساياھەتچىلەر شاپتۇللۇقتا شاپتۇل ئۈزمەكتە.
سانجى گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر خەن شىنرۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): سانجى شەھىرى سەنگۇڭ بازىرى بۇ يىل جەمئىي 600 نەچچە مو يەردە شاپتۇل ئۆستۈردى، بۇ شاپتۇللارنىڭ سورتى كۆپ خىل، تەمى ياخشى بولۇپ، بالدۇر پىشىدىغان، ئوتتۇرا ۋە كىيىن مەزگىلدە پىشىدىغان سورتلىرى بار. يېقىندا، سەنگۇڭ بازىرىدىكى شاپتۇللۇقلاردىكى بالدۇر پىشىدىغان شاپتۇللار ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى شاپتۇل ئۈزۈشكە، يېزا پۇرىقىنى ۋە شاپتۇل ئۈزۈش شادلىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.