تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئارشاڭ ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى قىزىقارلىق قوي يۇڭى قىرقىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارى مۇخبىر خې يىڭ خەۋىرى) «بىر مىنۇت 50 سېكۇنت، قاجىباي مۇسابىقىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى...» 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەسى كۆكتوخە (كۆكتوقا) نەسىللىك چارۋا فېرمىسى چۆكىنبۇلاق ئەترىتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، ناھىيەلىك چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ جىخۇا قىزىقارلىق قوي يۇڭى قىرقىش مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

  شۇ كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسى چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى خىزمەت ئەترىتى قىزىقارلىق قوي يۇڭى قىرقىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، چۆكىنبۇلاق ئەترىتىدىن كەلگەن 12 ئىشچى ۋە خىزمەتچى قوي يۇڭى قايچىسىنى ئوينىتىپ، كۆچۈش ئالدىدا تۇرغان قويلارغا يېڭى كىيىم «كىيگۈزدى».

  مۇسابىقە تەلىپى، بىرىنچىدىن پاكىز قىرقىش، ئىككىنچىدىن قوي تېرىسىنى زەخمىلەندۈرمەسلىك، ئۈچىنچىدىن قىرقىش سۈرئىتى تېز بولۇش. ھەر ئايلانما مۇسابىقىدە 6 قوي تەڭلا قىرقىلىپ، مۇسابىقە تەلىپىگە يەتكەن ئىشچى-خىزمەتچى يېڭىدۇ.

  «بىز ئۆيدە ئىزچىل قوي بېقىپ كەلدۇق، ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ 500 قوينىڭ يۇڭىنى قىرقىيمەن، ئۆيۈمدىكى قويلارنىڭ يۇڭىنى قىرقىپ بولغاندىن كېيىن، قوشنىلارغا ياردەملىشىپ قىرقىشىپ بېرىمەن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، قوي يۇڭىنى ھەم تېز ھەم ياخشى قىرقىيدىغان بولدۇم.» دېدى قاجىبەگ مۇكاپاتنى ئېلىپ خۇشال ھالدا.

  «ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي يۇڭىنى قىرقىش تەلىپى بىر ئاز يۇقىرى، يۇڭنىڭ ئۇزۇنلۇقى قوي يۇڭىنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوي قىرقىش ئۇستىلىرى كۆپ ئەمەس، قاجىبەگ داڭلىق قوي يۇڭى قىرقىش ئۇستىسى، ھەر يىلى قوي يۇڭى قىرقىش پەسلىدە 5000 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. بىز تەربىيەلەش ھەم مۇسابىقە ئارقىلىق، قوي يۇڭى قىرقىش ئۇستىلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشچى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ قوي يۇڭى قىرقىش ئارقىلىق كىرىم يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» دېدى جاڭ جىخۇا.

  ھازىر، چۆكىنبۇلاق ئەترىتىدە يۇڭى قىرقىلىدىغان 7500 ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي بار، تېخىمۇ كۆپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىم يارىتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ئالدىنقى مەزگىلدە قوي يۇڭى قىرقىش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، قوي يۇڭى قىرقىش ئۇستىلىرىغا ئۈلگە كۆرسەتكۈزۈپ، كۆپچىلىككە قولمۇقول تېخنىكا ئۆگەتتى. تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى بۇ قېتىملىق قوي يۇڭى قىرقىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى.

  «خىزمەت ئەترىتى مۇسابىقە شەكلى ئارقىلىق بىزنى قوي يۇڭى قىرقىش تېخنىكىمىزنى ئۆستۈرۈشكە، باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى، بىر مەيدان قىزىقارلىق مۇسابىقە بىزگە ئوخشىمىغان تۇيغۇ ئېلىپ كەلدى، كېيىن يەنە مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنى كۆپ ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»دېدى خىزمەتچى مۇقامەتخان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى