تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئونسۇ ناھىيەسى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى نامرات كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى ئاچتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر يەن شوۋلىن، جاڭ خۈي خەۋىرى): «مېنىڭ كۆكتاتچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا بىر يىلدىن ئاشتى. ئاساسلىقى ئوت ئوتاش، يەر بوشىتىش، چۆنەك تارتىش، توپا يۆلەش، سۇغىرىش قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىمەن، مۇقىم كىرىم ئارقىلىق ئائىلەمنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى، مەن بۇ خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن.» 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى ئۆستەڭبويى كەنتىدىكى شۆيۈەن كۆكتاتچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئۇزۇن مۇددەت ئېتىز-ئېرىق پەرۋىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان دېھقان تۇرغۇن تۇرسۇن شۇنداق دېدى.

شۆيۈەن كۆكتاتچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2018-يىلى 2-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، 70 ئەزاسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە پاي قوشقان دېھقان 57، ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلارنىڭ ئىختىيارلىقى بويىچە قانۇنلۇق، ھەقلىق يەر ئوبوروت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 2858 مو يەرگە ئېرىشىپ، ئاساسلىقى كۆكتات تېرىدى. بىر يىلدىن ئارتۇق ئىگىلىك باشقۇرۇش ئارقىلىق، بۇلتۇر پاي قوشقان دېھقانلارنىڭ ھەممىسىگە پايدا تەقسىم قىلىندى. ھازىر، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 8000 مو تېرىلغۇ يېرى، 13 تەكلىپ قىلىنغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشچىسى بار. ئۇلار ئاساسلىقى 6000 مو ياڭيۇ، 2000 مو كۆممىقوناقنىڭ ئېتىز پەرۋىشى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئايلىق مۇقىم مائاشى 3500 يۈەن. شۆيۈەن كۆكتاتچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى تاڭ باڭجيېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر 2-ئاينىڭ بېشىدا، ئۇ باي ناھىيەسىدىن ئۆستەڭبويى كەنتىگە كېلىپ يەر ھۆددىگە ئالغان، بۇ يەرنىڭ كىلىمات شارائىتى ياخشى، ھاۋاسى بۇلغانمىغان بولۇپ، دەريادا ئېقىۋاتقان قار سۈيى ياڭيۇ تېرىشقا بەك ماس كېلىدىكەن. بۇلتۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2000 مودىن ئارتۇق يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ياڭيۇ تېرىغان، تېرىغان ياڭيۇلار سۈپەتلىك، كۆركەم بولغاچقا، يىراقتا گۇاڭدۇڭ، خېنەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغىچە سېتىلغان، نۇرغۇن خېرىدارلار يەنە ئىشىك ئالدىغىچە كېلىپ سېتىۋالغان. ياڭيۇچىلىق كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئۇ يەنە 5000 مودىن ئارتۇق يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ گەنسۇدىن ئەلا سۈپەتلىك ياڭيۇ كىرگۈزگەن. ھازىر، ياڭيۇ مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلىدىكەن، بۇ، بۇ يىلدا مول ھوسۇل بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

تۇپراق شارائىتىنى ياخشىلاش، زىيانداش ھاشاراتلارنى ئازايتىش ئۈچۈن، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بۇ يىل 2000 مو يەرگە يېڭى پېتى ساقلىنىدىغان كۆممىقوناق تېرىدى، يەنە 40 مو يەرگە غول پىياز ۋە ئوسۇڭنى سىناق قىلىپ تېرىدى، بۇلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولدى.

تاڭ باڭجيې مۇنداق دېدى: «دېھقانلار يەرنى بىزگە ھۆددىگە بېرىپ، يەر ھۆددىگەرلىك ھەققىگە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ، كەنتتىكى 175 نامرات كەنت ئاھالىسى ئىچىدە ئەمگەك ئىقتىدارى بارلارنىڭ ھەممىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بەزى پەسىللىك دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىدۇ. كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك كۆكتاتلارنى تېرىپ، كۆكتاتچىلىق كەسپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى