تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىتنى باغلاقسىز ئايلاندۇرۇشنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ چىڭشيا) : ئاممىۋى سورۇن، مەھەللە، ئاساسلىق غول يول، كوچا-كويلاردا ئىتنى باغلاقسىز يېتىلەپ يۈرۈش ئەھۋالىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى «ئىتنى باغلاقسىز ئايلاندۇرۇشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

  «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىت بېقىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ۋە «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىت بېقىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش چارىسى» غا ئاساسەن، تىزىملىتىلغان چوڭ ئىتلارنى باغلاپ بېقىش ياكى ئۆيگە سولاپ بېقىش كېرەك، سىرتقا چىقىرىۋىتىشكە بولمايدۇ. كىچىك ئەرمەك ئىتلارنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا، چوقۇم قۇرامىغا يەتكەنلەر ئېلىپ چىقىشى كېرەك، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ھەمدە 100 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ ئىتى مۇسادىرە قىلىنىپ، ئىت بېقىش كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ.

  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) لۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ما يوڭ مۇنداق دېدى: «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەر بىر ئىت باققۇچى ئۆزى باققان ئىتقا چوقۇم مەجبۇرىي ۋاكسىنا ئەملىتىشى كېرەك، ئىت باققۇچى ئىت بېقىۋالغان 30 كۈن ئىچىدە، ئىتنى ئېلىپ شەھەرلىك مال دوختۇرلۇق كارانتىن تارمىقىغا ئېلىپ بېرىپ ۋاكسىنا ئەملىتىشى ھەمدە ئىممۇنىتېت گۇۋاھنامىسى ئالغاندىن كېيىن، ئولتۇراق رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىپ، ئىت بېقىش كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك. ئىت بېقىشنى تىزىملاش ھازىر ئەسلىدىكى بەش خىزمەت كۈنىدىن ئۈچ خىزمەت كۈنىدە بېجىرىشكە قىسقارتىلدى، ئىت بېقىش كىنىشكىسىنى يىللىق تەكشۈرۈش ۋاقتى ئۈچ ئايدىن پۈتۈن يىلدا بېجىرىشكە ئۆزگەرتىلدى، ئىت باققۇچىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىنىشكا بېجىرىش ۋە يىللىق تەكشۈرۈش ناھايىتى قولايلاشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، سىرتقا چىققاندا ئىتنى باغلىۋېلىشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئىتنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن رايونغا كىرىپ باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈشىدىن، پاراكەندە قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.»

  شەھەر ئاھالىسى چېن پىڭ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەھەللىدە خېلى كۆپ ئاھالە ئىت باقىدۇ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە چۈشتە ئىتىنى مەھەللىدىكى ئوت-چۆپلۈكتە ئايلاندۇرىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن باغلىمايدۇ، ئىتنىڭ ئىگىسى ئىتىنىڭ ناھايىتى مۇلايىم ئىكەنلىكىنى ئادەم چىشلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، مەھەللىدىكى ياشانغانلار ۋە بالىلار ئىتنىڭ چىققانلىقىنى كۆرگەن ھامان، جىددىيلىشىدۇ، مۇشۇنداق ئۇقتۇرۇشنىڭ تارقىتىلىشى ناھايىتى زۆرۈر.»

  «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىت بېقىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش چارىسى»غا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، شىمىگۇ رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) نۇقتىلىق باشقۇرۇش رايونى قىلىندى. نۇقتىلىق باشقۇرۇش رايونىدا شەخسلەر تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىت باقماقچى بولسا، ھەر بىر ئائىلىدە ئېگىزلىكى 35 سانتىمېتىردىن ئاشمايدىغان كىچىك ئىتتىن پەقەت بىرنى بېقىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى