تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش    ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

سۆھبەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ مەسئۇلى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت يېتەكچىلىرى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ساياھەت مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى، غەربىي يۇرت ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تونۇشتۇردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ساياھەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايوندىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئۆزگىرىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئېھتىياجى. ئاڭلىقلىق، قەتئىيلىك ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، تىرىشىپ ساياھەتچىلىكنى شىنجاڭنىڭ ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچكە ۋە بىرقەدەر ئەۋزەللىككە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ھەم مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، يېڭى پۇرسەتنى ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى بۇرچ، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ھەم ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «يۇقىرى دەرىجىلىك، خاس، ئېسىل» تەرەققىيات ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ھەم رايون خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت ئامىللىرى بىلەن ساياھەت بايلىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، ئىدىيەدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ياخشى تەدبىر، ئەسقاتىدىغان چارە كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنى تەدبىر بەلگىلەش پايدىلانمىسى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك. ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ نامىنى تونۇتۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ زور تەرەققىياتى، تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى