تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر قېتىملىق مەركەزلىك ھەرىكەت بولۇپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلغان.

«تەشكىلىي قۇرۇلمىنى قايتا قۇرۇشنى تاماملاش، ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەقەت <يۈزەكى> مەسىلىلەرنىلا ھەل قىلدى، ھەقىقىي تۈردە <خىمىيەلىك رېئاكسىيە> پەيدا قىلىش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.» پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىزغا تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتە، سۆزنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپپاراتلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇشنى تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش كېرەك.» شۇنى جەزمەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە؛ ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنىڭ كۆزلىمە نىشانغا يېتىش - يېتەلمەسلىكىنى دەڭسەشتىكى مۇھىم ئۆلچەم. پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تەشكىلىي ئاپپارات جەھەتتىن جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرغاندىلا، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتە، يەتتە جەھەتتىكى كونكرېت ۋەزىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش، ئاپپاراتلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، مۇناسىۋەتلىك يانداش ئىسلاھاتلارنى ئالغا سىلجىتىش، ئاپپارات ئىشتاتىنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ يەتتە جەھەتتىكى كونكرېت ۋەزىپە پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»، ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىنكى ئاپپارات فۇنكسىيەسىدە «خىمىيەلىك رېئاكسىيە» پەيدا قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا. بۇ، يېڭى ئاپپارات، يېڭى فۇنكسىيە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەلەپلەرنى توغرا ئىگىلەپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتا، ئاچقۇچنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا ھەرىكەتكە كېلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ياخشى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، جاسارەتلىك - ياراملىق بولىدىغان كۈرەش ھالىتى ۋە قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش روھىنى ساقلاپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

بىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى باش نىشانىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020- يىلىغا بارغاندا، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈش، تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيە 18- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلىدى. بىز ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، داۋاملىق قاتتىق جەڭ قىلىپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈش، تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى