تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تۈرلۈك تۈزەش ۋەزىپىسىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايون «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تۈرلۈك تۈزەش ۋەزىپىسىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تۈرلۈك تۈزەش ۋەزىپىسىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي خىسلەتنى چېنىقتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۆزگەرتىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈم قازىنىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەشنى تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشان ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئۆلچەش ۋە سىناش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۈزەشنى تۇتۇپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى، «ھالقىلىق تۇتقىسى»نى ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۈر، بىر تۈردىن كونكرېت يېشىپ، بىردىن بىردىن كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، يېڭى سەھىپە پۈتۈش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇپ تۈزەشنى تۇتۇپ، ھەم ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، زىچ ماسلىشىش، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش، تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇش، مەخسۇس تۈزەشنى سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ھەم بىر قولدا مەخسۇس تۈزەشنى تۇتۇش، بىر قولدا كۈندىلىك خىزمەتنى تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر ئىككىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، قوش ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىغا تايىنىپ تۈزەشنى تۇتۇپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ كۆلەمدە ئاڭلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈزەش نەتىجىلىرىنى ئاممىنىڭ باھالىشىغا تاپشۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق، ئەمەلىي ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى لايىھەسى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى