تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، سەمىمىي يولغا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش - تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

− ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئۇنىۋېرسال بايان

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

دىققەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش تىزىملىكى تۈزۈپ، ئەستايىدىل بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك ئۆگىنىشنى پۇختا ئېلىپ بېرىپ، مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش...

ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى 1- تۈركۈمدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان 94 تارماق، ئورۇن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشكە تەشكىللەش، مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ كۆڭلىنى توختىتىپ، زېھنىنى يىغىپ ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇشى، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىشى، قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆپ ئويلىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك بولۇش، ئەتراپلىق ئىگىلەپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش - تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈش

ئەينەن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇش

باش تېما تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش قىلىش، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئەينەن ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش بىلەن نۇقتىلىق ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەركەزلىك ئۆگىنىش+شەخسلەر ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش» قاتارلىق شەكىللەردە چىڭ تۇرۇپ، بىر ھەپتىلىك مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، «شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى» «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى» قاتارلىقلارنى ئەينەن، تولۇق ئوقۇپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تولۇق، توغرا ئۆزلەشتۈرۈشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى تولۇق، توغرا ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

7- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى يىغىن زالىدا، ئورگاندىكى مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار دىققەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتىنى بەھۇزۇر سۆزلىدى. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى ئۆگىنىش پىلانىنى ئىنچىكە تۈزۈپ، زۆرۈر ئوقۇشلۇق مۇندەرىجىسىنى بىر - بىرلەپ تۈزۈپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، رەھبەرلەر باشلامچى بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پۇختا ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆگەندى. ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرى «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىشى، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىشى، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى، ئاساسىي لىنىيە قىلدى، بەنگۇڭتىڭدىكى ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋاقىتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. كۆپچىلىك كۆڭۈل قويۇپ، زۆرۈر ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابلارنى تولۇق ئوقۇپ، ئەينەن، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى تىرىشىپ ئىگىلەپ ھەم قەتئىي، كەسكىن ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىپ، ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ۋە بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بۆلۈم ئورگىنى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى يىغىپ، 14 گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، يەتتە كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، زۆرۈر ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابلارنى تولۇق ئوقۇدى، تەتقىق قىلىپ ئوقۇدى. گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش داۋامىدا، كۆپچىلىك چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە، خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى تۇتۇپ ئۆگەندى، نۆۋەت بىلەن باشلامچىلىق قىلىپ ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۆگىنىش تەشەببۇسكارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشتە تەپەككۇر قىلىش، ئۆگىنىشتە ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

كۆڭۈل قويۇپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش

چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىش

كۆڭۈل قويدى، ئەستايىدىل بولدى، ئەستايىدىل ئۆگەندى. ئۆگىنىش - تەربىيە داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، زۆرۈر ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابلارنى ئەستايىدىل، تولۇق ئوقۇپ، نۇقتىلىق ماقالىلەرنى تەكرار تەتقىق قىلىپ ئوقۇدى، يەنە «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش تەسىراتى يېزىپ، ئۆگىنىشتە ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلدى.

بۇ مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى غەيرەت ئابدۇرېھىم ھەر كۈنى ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ، زۆرۈر ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابلارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇدى. «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول، ھەقىقىي چۈشىنىپ ئۆگىنىش، ئۆگىنىپ تېگىگە يېتىش، ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن جەزمەن كۆڭۈلنى توختىتىپ تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، ئەستايىدىل تەپەككۇر قىلىش كېرەك.» ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باشتىن - ئاخىرغا سىڭدۈرۈپ، ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا، ئۇنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن».

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش بىلەن شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش پىلانىنى تۈزۈپ، ئۆگىنىش ۋاقتى، كونكرېت مۇندەرىجىنى ئايدىڭلاشتۇردى، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پىلان بويىچە، ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، سەمىمىي يولغا قويۇپ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش - تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

6- ئاينىڭ 26- كۈنى، «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى»نىڭ 1- بابىنى نۇقتىلىق ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى؛ 7- ئاينىڭ 3- كۈنى، «شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ 125- بېتىدىن 159- بېتىگىچە نۇقتىلىق ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى... ئۆگىنىش - تەربىيەنى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بارلىق خادىملارنىڭ دائىملىق ئۆگىنىشىنى ياخشى تۇتۇپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى، پارتىيە ياچېيكىسى ھەر ئايدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، ھەر ھەپتىدە يېرىم كۈن پارتىيە ئەزالىرىنى تەسىراتىنى ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئۆگىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى كاماندىروپكىغا چىقىش، نۆۋەتچىلىك قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دەرستىن قالغان باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 14 كادىرغا قارىتا ئىككى قېتىم مەركەزلىك تولۇقلاپ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىشكە قاتنىشىشقا تېگىشلىك خادىملارنىڭ بىرىمۇ كەم قالماسلىق، ئۆگىنىش ۋاقتى ئازراقمۇ ئاز بولۇپ قالماسلىق، ئۆگىنىش مەزمۇنىدىن بىرىمۇ كەم بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، مەخسۇس تېمىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قەرەللىك تەشكىللىدى، رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن تەسىراتىنى سۆزلىدى ھەم ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىغا مەخسۇس تېمىدا يېتەكچىلىك قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش مەقسىتىگە يەتتى.

ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش

ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مۇجەسسەملەش

بۇ بىر مەزگىللىك پۇختا ئۆگىنىش ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بەس - بەستە ھاياجانلاندى: ھاسىلاتىمىز ناھايىتى زور، تەسىراتىمىز ناھايىتى چوڭقۇر.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ھەر كۈنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش - ئۆگىنىش ئادىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېتىلدۈرۈپ، ئۆگىنىشنى بەنگۇڭتىڭ كادىرلىرىنىڭ بىر خىل سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا تېخىمۇ ئايلاندۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، غايە - ئېتىقادىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىڭىتتى، تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار «سىياسىي كېڭەشتىكىلەر»نىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتىن كۈچ ئېلىپ، پۇختا خىزمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بەس - بەستە بىلدۈردى.

ئۆگەنگەندىن كېيىنلا يېتەرسىزلىكنى بىلگىلى بولىدۇ. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتەك ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا دۇچ كەلگەن تەخىرسىز مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شەخسنىڭ ئىدىيە ئەمەلىيىتى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشتا، بىلىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا نامايان قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، مەركەزلىك ئۆگەنگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۆت كۈن داۋاملاشقان شىنجاڭ بويىچە پارتىيە مەكتەپلىرى سىستېمىسىنىڭ «ئىلىم - پەن ئارقىلىق سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش» سەرخىل دەرسىنى باھالاش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى، پائالىيەت داۋامىدا چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، پەرقلەرنى تېپىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە ئىلىم - پەن ئارقىلىق سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەركەزلىك ئۆگىنىش ئاساسىدا، «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش» باش تېما قىلىنغان تەپتىش سىستېمىسى كۆزىتىش خىزمىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا قەتئىي تۈزەتتى.

ئەسىلىي مەقسەتتە ئۇيۇل تاشتەك چىڭ تۇرۇش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش. باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار جەزمەن ئىدىيەدە يەنىمۇ تاۋلىنىش، ئەسلىي مەقسەتتە يەنىمۇ ئويغىنىش، بۇرچتا يەنىمۇ يۈكسىلىش، ساداقەتتە يەنىمۇ تاۋلىنىش داۋامىدا، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى