تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىسلاھات يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق، ئىسلاھات يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، بۇ مۇھىم، زور ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، كەڭ كادىرلار، ئامما مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشقا ئىرادە باغلىدى.

 سىستېمىلىق، بىر پۈتۈنلۈك، قايتا قۇرۇش خاراكتېرلىك بىر قېتىملىق ئۆزگىرىش

تېلېۋىزوردىن يىغىن خەۋىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى جۇ لياڭگاۋ ناھايىتى ھاياجانلاندى.

«بىز ھەربىرىمىز ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگۈچىلەر، گۇۋاھچىلار، بۇنىڭ <ئەڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئەڭ مۇستەھكەم چىتلاقنى بۇزۇش> ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلىمىز». جۇ لياڭگاۋ چوڭقۇر تەسىرات بىلەن مۇنداق دېدى: بىر قاتار كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرىلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاسارىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. «بۇ قېتىمقى ئىسلاھات مەلۇم بىر جەھەتتىكى ياماپ تۈزەپ قويۇشلا بولماي، بەلكى پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتقانلىق، ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن ھەممە تەرەپ ياخشىلىنىپ ۋە يۈكسىلىپ، مىسلىسىز چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشتى.»

جۇڭگو خەلق داشۆسى ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ خۇڭشەنگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ ھەل قىلالمىغان كۆپلىگەن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدۇق، كۆپ يىللاردىن بۇيان راۋانلاشتۇرۇشنى ئويلىغان بولساقمۇ راۋانلاشتۇرالمىغان كۆپلىگەن تۈزۈلمە - مېخانىزمنى راۋانلاشتۇردۇق» دېگەن سۆزى ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى جەزمەن يېڭى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىگە قويۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا تۇرۇپ تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك ئىكەن.

7- ئاينىڭ 6- كۈنى شەنبە سەھەر، جياڭسۇ جىڭجياڭ شەھەرلىك پارتكوم يىغىن زالى. نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنى پىلانلاش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان كادىرلارنىڭ ھەممىسى ئالدىن تولۇق كېلىپ بولغانىدى.

«باش شۇجىنىڭ <پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتى> دېگەن سۆزىدىن بىز ناھايىتى روشەن تەسىراتقا ئىگە بولدۇق. ئاپپارات ئىسلاھاتىدىن كېيىن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش كۈچى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، بۇيرۇقنى جەزمەن ئىجرا قىلىش، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىش ھەقىقىي ئىشقا ئاشتى» دېدى مائارىپقا مەسئۇل بىر شەھەر رەھبىرى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە تىلغا ئالغان «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى تېخىمۇ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى» دېگەن مەزمۇن كەڭ ئورتاق سادا پەيدا قىلدى.

جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى لى يەنيىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ تۇرۇشلۇق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا كۆپ تۈرلۈك ئىسلاھات فۇنكسىيەسىنى قوشۇۋېلىپ، «جېجياڭ ئۆلكىلىك ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش ئىسلاھاتى ئىشخانىسى» دېگەن يېڭى ۋىۋىسكىنى قوشۇپ ئاسقان. «ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا، كۆپچىلىك ئاپپاراتلار تەكرار بولۇش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت گىرەلىشىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات يۆنىلىشىنىڭ تېخىمۇ روشەن بولغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق» دېدى لى يەنيى.

 چوڭقۇر سۇدىن كېچىپ ئۆتىدىغان، مەنپەئەتكە تېگىش قىلىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان بىر قېتىملىق ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش

ئاپپارات ئىسلاھاتى بىر مەيدان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش.

شەندۇڭ ئۆلكىلىك تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ نازىرى لى خۇ مۇنداق قارىدى: «ئىسلاھات مەنپەئەتكە تېگىش قىلىدۇ، لېكىن كەڭ ئورگان كادىرلىرى مۇھىم قائىدىنى تونۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئىدىيەدە قالايمىقان بولماي، قوشۇننى چېچىۋەتمەي، خىزمەتنى ئۈزۈپ قويماي، غەيرەتنى بوشاشتۇرماي، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. بۇ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ھاسىل بولغان ياخشى سىياسىي ئېففېكتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى».

«تىكلىمىگۈچە قالدۇرماسلىق، ئالدى بىلەن تىكلەپ ئاندىن قالدۇرۇش» بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدىكى بىر تۈرلۈك قىممەتلىك تەجرىبە. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 13 تارماق ۋە ئورۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەسىنى بىرىكتۈردى. ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئوت مۇداپىئە - قۇتقۇزۇش ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى جوۋ تيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلىشى ئىسلاھاتنىڭ بەلگىلەنگەن لىنىيە خەرىتىسى، ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشى، تۈرلۈك خىزمەتنىڭ تەكشى، مۇقىم جىپسىلىشىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

ئەلرايى مۇقىم بولسا، ئىسلاھات ئالغا باسىدۇ، ئەلرايى مايىل بولسا، ئىسلاھات ئىشقا ئاشىدۇ.

«باش شۇجى، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا ھەرىكەتكە كېلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.» دۆلەت باج باش ئىدارىسى كۇنمىڭ شەھىرى پەنلۇڭ رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن پېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا دۆلەت بېجى، يەرلىك باج سىستېمىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېرىمغا يېقىن مەھكىمە، ئىدارە دەرىجىلىك ئاپپارات ئىخچاملاندى، جۈملىدىن مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 مىڭدىن ئارتۇق رەھبىرىي كادىر <بىرىنچى قول>دىن <مۇئاۋىن>غا ئۆزگەردۇق. دەسلەپتىكى چۈشكۈنلۈكتىن ناھايىتى تېزلا يېڭى خىزمەتكە كىرىشكىچە، بىز شەخسنىڭ <ۋاز كېچىشى> بەدىلىگە ئىسلاھاتتا <نەتىجە>گە ئېرىشىپ، سىياسىي سىناقلارغا بەرداشلىق بەردۇق، كەلگۈسىدىمۇ باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز».

 نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەيدىغان، قېلىن مۇزنى يارىدىغان، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەيدىغان بىر مەيدان ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭ

ھەرقايسى جايلاردىكى كادىرلار، ئامما، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قايتا ئاتلىنىش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى، دەپ بىلدۈرۈشتى.

«ئالدى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات مۇددىئاسىغا بولغان چۈشىنىش ۋە تونۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» دېدى چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئىلمىي سوتسىيالىزم ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جياڭ يىڭجوۋ.

«شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنى مىسال قىلساق، قارىمىقىدىكى بۆلۈملەرنى ئىخچاملاپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ھەممىسىدە قوش يۆنىلىشلىك تاللاش، رىقابەت بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىشنى يولغا قويۇپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان كادىرلارنى قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئىشلىرىغا بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.» يۈننەن چۈجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاۋ جېڭفۇ مۇنداق دېدى: چۈجىڭ كۆپ تۈرلۈك ئاپپارات ئىسلاھاتى يانداش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋر ئېھتىياجىغا ماسلىشىدۇ.

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئارزۇسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى قىلىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ شەرەپ تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.

ئىسلاھاتتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئاپپارات، يېڭى فۇنكسىيە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەلەپلەرنى توغرا ئىگىلەش كېرەك.

گۇيجوۋ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى بوجوۋ رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى ئېكولوگىيەلىك ئاھالە كۆچۈرۈش بۆلۈمىنىڭ 31 ياشلىق خىزمەتچى خادىمى جوۋ يۇڭتاۋ بۇ سۆزنى ئۆزىنىڭ خىزمەت دەپتىرىگە ئالاھىدە خاتىرىلىۋالدى. بۇ ئايدا ئۇ بوجوۋ رايونى پىڭجېڭ گېلاۋزۇ يېزىسىنىڭ تۇەنجيې كەنتىگە بېرىپ كەنتتە تۇرىدۇ.

بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا، بوجوۋ رايونى ئەسلىدىكى سۇ ئامبىرى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئاھالە كۆچۈرۈش ئىدارىسىنى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىغا ئومۇمىي جەھەتتىن ئايرىپ بېرىپ، نامراتلارنى زور كۆلەمدە يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈزۈلمە - مېخانىزم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا كادىرلارنىڭ ئىقتىدارىغا يېڭى تەلەپلەرنى قويدى.

«تۇەنجيې كەنتى بۇ يىل ئېغىر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى پىلانلىدى، كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلغاندا كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ پۈتۈن كەنتنىڭ قىياپىتىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتكىلى، ئۆزىنىڭ قان ئىشلەش مېخانىزمىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ، مېنىڭ ئۆگىنىشكە ۋە ئۆستۈرۈشكە تېگىشلىك جايلىرىم يەنە نۇرغۇن» دېدى جوۋ يۇڭتاۋ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى