تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئادىللىقتا چىڭ تۇرۇش ئۆمۈرلۈك ئېتىقادىم

− شىخەنزە شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سابىق تەپتىشى جاڭ بياۋ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

6- ئاينىڭ 28- كۈنى، 68 ياشلىق جاڭ بياۋ ئەمدىلا شىخەنزە شەھىرىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش پەيتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندا، ھەر خىل ياردەم سوراپ، مەسلىھەت سوراپ بېرىلگەن تېلېفونلار ئۈزۈلمەي ئۇنىڭغا ئارام بەرمىدى. بۇ ئىشلارغا جاڭ بياۋ ئاللىقاچان كۆنۈپ كەتكەنىدى.

بۇلتۇر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 100 يولداشقا ئىسلاھات ئاۋانگارتى، دەپ نام بەردى، جاڭ بياۋ جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقنى قوغداشتىكى نەمۇنىلىك تەپتىش سالاھىيىتى بىلەن بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالدى.

بىر تەپتىش بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ بياۋ 30 نەچچە يىللىق تەپتىشلىك خىزمىتىدە باشتىن - ئاخىر بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئەدلىيە ئادىللىقىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت قانۇنىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداپ، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مەسئۇلىيىتى، بۇرچى ئارقىلىق پارتىيەگە كىرگەندىكى ئەسلىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ كەلدى.

 كۆڭۈل قويۇپ دېلو بېجىرىش     دەۋالاشقۇچىلارنى كۆڭلىگە پۈكۈش

جاڭ بياۋ ئىلگىرى شىخەنزە شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاددىي تەپتىشى ئىدى. «تەپتىشلىك خىزمىتىدە ئەستايىدىللىقلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە ئۇنىڭغا كۆڭۈل قويۇش كېرەك.» جاڭ بياۋ مۇنداق دېدى: ھەربىر ھالقىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەربىر دېلونى ياخشى بېجىرىش تەپتىشلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى.

1980- يىلى جاڭ بياۋ تەپتىش ئورگىنىغا رەسمىي كىردى، بۈگۈنگىچە ئۇ يەنە پېشقەدەم تەپتىشلەرنىڭ ئۆزىگە بەرگەن تەلىمىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ كەلمەكتە. ياش ۋاقتىدا ئۇ ئاممىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان بىر دېلونى بېجىرىشكە قاتناشقان، گۇرۇپپىدىكى بارلىق كىشىلەر قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ، ئىسپات ئالغان بولسىمۇ، دەلىل - ئىسپات باشتىن - ئاخىر تولۇق بولمىغان. «مەن ئەينى چاغدا سەل تاقەتسىزلەندىم، ئەمما پېشقەدەملەر ماڭا ھەرقانداق بىر دېلودا چوقۇم سەۋرچان بولۇپ، ھەربىر تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا كۆڭۈل قويۇپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى، تەپسىلاتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاندىن مەسىلىنى بايقىغىلى، دېلونى تەكشۈرۈپ ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى» دېدى جاڭ بياۋ.

قانۇن ئادەمگە يۈرگۈزۈلىدۇ، ئىش كىچىك بولسىمۇ ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. جاڭ بياۋ پېشقەدەملەرنىڭ تەلىمىنى كۆڭلىدە چىڭ ساقلىدى ھەم 30 نەچچە يىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بېجىرگەن ھەربىر دېلوغا سىڭدۈردى.

شىخەنزە تۈرمە رايونىنىڭ تەپتىشلىكىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە، بىر جازا ئۆتىگۈچى باشقۇرۇشقا بويسۇنمىغان، بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك ئىدى. جاڭ بياۋ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قاتتىق باشقۇرۇش رەسمىيىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، نامۇۋاپىق تەرەپلىرىنى بايقىمىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ جازا ئۆتىگۈچىنى نەچچە قېتىم ئىزدەپ سۆھبەتلەشكەن، پاكىتلارنى قايتا - قايتا ئالدىغا قويۇپ، داۋلى سۆزلەپ، ئىستىقبالى ئۈستىدە پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ھالىغا يەتكەن، ئاخىرى بۇ جازا ئۆتىگۈچى خاتالىقىنى تونۇپ، ئاكتىپ ئۆزگەرگەن، ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە جازا كېمەيتىلگەن.

جاڭ بياۋ مۇنداق دېدى: تەپتىش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ نۇقتىسىدىن مەسىلىنى ئويلىشىمىز، قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتىنى كۆڭۈل قويۇپ ھېس قىلىشىمىز، ھەقىقىي ھالدا باشقىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ، لاياقەتلىك بىر تەپتىشنىڭ تولۇق ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى.

 قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش     ھەم ئۇۋال قىلماي، ھەم قويۇۋەتمەي ئادىللىقنى نامايان قىلىش

30 نەچچە يىللىق كەسپىي ھاياتىدا، جاڭ بياۋ بېجىرگەن ھەربىر دېلودا قاتتىق ئېھتىياتچان بولدى ھەم بەزى چوڭ دېلولارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرگەنلىكتىن كۆپ قېتىم ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشتى. بۇلارنى جاڭ بياۋ پەقەت ئۆزىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى دەپ ھېس قىلدى.

«قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى تەجرىبە - ساۋاق قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىش جەريانى.» جاڭ بياۋ: تۈرمە رايونىدا تەپتىشلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا، جازا ئۆتىگۈچىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا بەزى مەسىلىلەرنى بايقىدىم، دېدى. مەسىلەن، جازا ئۆتەش مۇددىتىنى ھېسابلاش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش ھالقىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە جاڭ بياۋ ئەستايىدىل، تەكرار تەكشۈردى، نازارەت قىلدى.

بىر قېتىم تۈرمىگە ئېلىش قانۇنىي ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرگەندە، جاڭ بياۋ جازا ئۆتىگۈچى تەن Xنىڭ ئىجرا قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ھۆكۈمنامىدە خاتىرىلەنگەن جازا مۇددىتى بىلەن بىردەك ئەمەسلىكىنى بايقىدى. جاڭ بياۋ دەرھال ئەسلىي ھۆكۈمنى چىقارغان سوت مەھكىمىسىگە ئالاقە ئەۋەتىپ تۈزىتىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، سوت مەھكىمىسى ناھايىتى تېزلىكتە تۈزىتىپ، تەن Xنىڭ جازا مۇددىتىنى قايتىدىن ھېسابلىدى ھەم يېڭى قانۇن ھۆججىتى يەتكۈزۈپ بەردى.

«جاڭ مۇئەللىم ئىشنى ئەستايىدىل، قەتئىي قىلىدۇ» دېدى جاڭ بياۋنى ئىزچىل ئۇستاز ئورنىدا كۆرۈپ كەلگەن شىخەنزە شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ئىجرا بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى، ئىشتاتلىق تەپتىشى گاۋ چېن.

 خەلق ئۈچۈن قانۇن تەشۋىق قىلىش     ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، پېشقەدەملىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش

2011- يىلى جاڭ بياۋ پېنسىيەگە چىقتى، ئەمما تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

«مەن دائىم پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تېلېفون ۋە خەتلەرنى تاپشۇرۇۋالىمەن، ئۇلار مەندىن قانۇن مەسىلىلىرى توغرىسىدا مەسلىھەت سورايدۇ.» جاڭ بياۋ مۇنداق دېدى: مەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە جاۋاب قايتۇرۇپ، ياردەم سورىغۇچىلارغا قانۇن جەھەتتە بەزى تەكلىپلەرنى بېرىمەن.

جاڭ بياۋنىڭ ھېس قىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلق ئاممىسى قانۇن جەھەتتە بارغانسېرى «ئەستايىدىل» بولغان. «ئاممىنىڭ <ئەستايىدىل>لىقى ھازىر كىشىلەرنىڭ قانۇنچىللىق قارىشىنىڭ كۈچىيىپ، قانۇن بويىچە ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئاڭلىقلىقىنىڭمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى، بۇلار دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ.» جاڭ بياۋ مۇنداق دېدى: پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، توختىماي ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدىم، مەقسىتىم كوممۇنىستلارنىڭ بۇرچى ۋە كۈرەش روھىنى يەتكۈزۈپ، قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدىغان، بوشاشماس روھقا ئىگە تېخىمۇ كۆپ تەپتىش خىزمەتچى خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش.

«مەن 1976- يىلى پارتىيەگە كىرگەن، شۇ چاغدىن باشلاپ پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولدۇم، ۋەتەنگە سادىق بولدۇم، خەلققە سادىق بولدۇم» دېدى جاڭ بياۋ.

2014- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە شىخەنزە شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پېنسىيەگە چىققان جاڭ بياۋنى ئالاھىدە تەكلىپلىك تەپتىشلىككە تەكلىپ قىلدى ھەم ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئىشخانا تەسىس قىلدى؛ شىخەنزە شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى «جاڭ بياۋ مۇرەسسە ئىشخانىسى» تەسىس قىلدى؛ پۈتۈن شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تۈرمە تەپتىش تارماقلىرى بىردەك «جاڭ بياۋ ئىش ئورنى» تەسىس قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى