تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

تەييۈەن پويىز ئىستانسىسى شەرقىي مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشى جىددىي باسقۇچقا كىردى

   شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، تەييۈەن پويىز ئىستانسىسى شەرقىي مەيدانى قۇرۇلۇش ئورنىدىكى ئالدىراش قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش. تەييۈەن ۋوگزالى شەرقىي مەيدانى يىڭزې كوچىسىدىن تۆۋەنگە كېسىپ ئۆتىدىغان پويىز ئىستانسىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ ئىش باشلانغان قۇرۇلۇش بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن ۋوگزالنىڭ شەرقىي مەيدانىدا ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى، تاكسى كۈتۈش رايونى تەسىس قىلىنىدۇ، يەر ئاستىغا چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، يولۇچىلارنى يىغىش-تارقىتىش زالى ۋە مېترو بېكىتى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنىدۇ. نۆۋەتتە، ئاساسلىقى يولۇچىلار چۈشىدىغان كۆتۈرمە سۇپا ۋە يۈرۈشلەشكەن يول تورى قۇرۇلۇشى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشتى. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ۋوگزالنىڭ ئايرودۇرۇمغا ئوخشاش يولۇچىلار يۇقىرىدىن كىرىپ، تۆۋەندىن چىقىدىغان ئىقتىدارى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىپ چىقىشى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇلىدۇ.

مۇخبىر لى ياۋمىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى