تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

لوپنۇر ناھىيەسى: ئېلېكتىرونلۇق سودا لوپنۇر كەندىرى ھەسىلىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە كۈچ قوشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر پاڭ بو): 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدا، خىزمەتچى خادىملار يۈز نەچچە بوتۇلكا لوپنۇر كەندىرى ھەسىلىنى يەشىكلەرگە قاچىلاپ، تېز يەتكۈزۈش تالونىنى چاپلاپ مال تارقىتىشقا تەييارلىق قىلدى. نۆۋەتتە، لوپنۇر ناھىيەسىدە ھەسەل ھەرىسى بېقىش مەيدانىدىن 29ى بار، لوپنۇر كەندىرى گۈلىنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىدە 60 توننىدىن ئارتۇق لوپنۇر كەندىرى ھەسىلى يىغىۋالغىلى بولىدۇ. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ھەرە باققۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تور دۇكىنى ئېچىش، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، نەپىس ئوراپ قاچىلاش، ئۈندىدار سودا ۋاكالەتچىسى قوبۇل قىلىش، توردا سېتىشنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، يەرلىك ماركا يارىتىپ، مەھسۇلاتنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى