تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ساقچى-خەلق بىرلىكتە ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇدا ئېقىپ كەتكەن تۆت ياشلىق ئوغۇل بالىنى پىداكارلىق بىلەن قۇتقۇزدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شىنساۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى لىڭتىڭ، ياڭ چاۋ): «ساقچىلار ۋە ئەتراپتىكى ئامما ۋاقتىدا كېلىپ، بالامنى قۇتقۇزۇۋالمىغان بولسا، راستتىنلا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم...» 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى تۆت ياشلىق ئوغلىنىڭ دەريا بويىدا سۇ ئويناۋېتىپ، سۇدا ئېقىپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنسىلا، سى خانىمنىڭ  يۈرىكى جىغىلدايتتى. 

  7-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 18 ئەتراپىدا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جىڭ ناھىيەسىدىكى ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ جەنۇبىي چوڭ كۆۋرۈك رايونىدا بىر ئوغۇل بالىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالدى. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چارلاش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئاپتوموبىللىق چارلاش گۇرۇپپىسىدىكى ساقچىلار دەرھال قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ، تېزلىكتە نەق مەيدانغا ماڭدى.

  «سۇ ئۈزۈش چەمبىرىكىنى ئېلىڭلار، تېز!» قۇتقۇزۇش ئورنىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ساقچىلار مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، يۈگۈرۈپ ئىلگىرىلىدى.

  «بىز بارغاندا، سۇ ئوغۇل بالىنى دەريا توسمىسىدىن ئېقىتىپ دەريانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئاپىرىپ قويغان بولۇپ، توسمىدىن 200 نەچچە مېتىر يىراقلىقتىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ ئېقىمى شىددەتلىك بولغاچقا، ئوغۇل بالا سۇدا توختىماي دومىلاپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ھاياتى ھەر ۋاقىت خەتەر ئىچىدە ئىدى.» دېدى، ساقچى ئاراي دۇكەش.

  بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئاپتوموبىللىق چارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جارقىن ساباي دەريا يولىنى بويلاپ تۆۋەن ئېقىنغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى، بالىغا يېقىنلاپ قالغاندا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن سۇغا سەكرىدى، لېكىن سۇ ئېقىنى بەك شىددەتلىك بولغاچقا، جارقىن بىر نەچچە قېتىم ئوغۇل بالىغا يېقىنلاشماقچى بولغان بولسىمۇ، دەريا سۈيى ئۇنى ئېقىتىپ كەتتى، جارقىن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ بالىنى تۇتۇۋېلىپ، دەرھال بالىنى قۇچاقلىۋالدى.

  «سۇ بەك تېز ئاققاچقا، ئالدىراپ يۆتكىلىشكە پېتىنالمىدىم.» سۇدىكى جارقىن قىرغاقتىكى خىزمەتداشلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى، بۇ ۋاقىتتا، ئاپتوموبىللىق چارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى شيا شېڭلى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىمۇ سۇغا سەكرەپ، قىرغاقتىكى ئەترەت ئەزالىرى ۋە ئامما بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، ئادەم شوتىسى ھاسىل قىلىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، بالىنى قۇچاقلىۋالغان جارقىننى تارتىپ چىقاردى.

  ئۇزۇن ۋاقىت سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغانلىقتىن، ئوغۇل بالا قۇتقۇزۇلۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن، كالپۇكى كۆكىرىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى، قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئامما ئۇنى دەرھال جىددىي قۇتقۇزدى ۋە سۈنئىي نەپەسلەندۈردى، 50 سېكۇنت ئەتراپىدا قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئوغۇل بالا ئاخىرى قورسىقىدىكى سۇنى قۇسۇپ، ئۈن سېلىپ يىغلىدى ھەمدە بارا-بارا ئېسىگە كەلدى، ئارقىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلدى.

  بۇ ئىشتىن كېيىن، ساقچىلار ئوغۇل بالىنىڭ ئاپىسى سى خانىم بىلەن ئالاقىلاشتى، سى خانىم دوختۇرخانىغا بېرىپ خەتەردىن ئامان قالغان ئوغلىنى كۆرگەندە، ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلاپ كەتتى. ئەسلىدە، شۇ كۈنى، سى خانىم ئىشقا كەتكەندىن كېيىن، تۆت ياشلىق كىچىك ئوغلى نەۋرە ئاكىسى بىلەن ئېكولوگىيە باغچىسىغا ئوينىغىلى بارغان، ئىككىسى تېيىز سۇ رايونىدا ئويناۋاتقاندا، سى خانىمنىڭ ئوغلى ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇدا ئېقىپ كەتكەن.

  «بالامنى قۇتقۇزغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىن بالىلىرىمغا ئوبدان قارايمەن، ئۇلارنى دەريا بويىدا ئوينىغىلى قويمايمەن.» دېدى، سى خانىم.

  ياز پەسىلى بالىلارنىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىشى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، ئاراي دۇكەشمۇ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بالىلار ئۆز ئالدىغا سۇ ئۈزمەسلىكى، ئاتا-ئانىلار ئەڭ ياخشىسى بالىلارنى مۇنتىزىم سۇ ئۈزۈش سورۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىپ ئوينىتىشى كېرەك؛ دەريا بويىدا سۇغا چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بەرسە، دەرھال ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆلۈش-يارىلىنىش خەۋپى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.»

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى