تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چىڭگىل ناھىيەسى: فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسى نامرات ئائىلىلەر ئۈچۈن «قان ئىشلىدى»

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ جۈنشيۇ، ۋۇ شۈدۇڭ خەۋىرى): 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسىدىكى 22 نامرات كەنتنىڭ فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى تۈرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقاتتى. ئېلېكتىر ئىستانسىسى تورلاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئومۇمىي قۇۋۋىتى 8.617 مېگاۋاتقا يېتىدۇ، بۇ ناھىيەدىكى 2383 نامرات ئائىلە بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ.

  فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بېكىتىپ يولغا قويغان «10 چوڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش قۇرۇلۇشى»نىڭ بىرى، شۇنداقلا نامراتلارنى يۆلەشنى «قان بېرىش»تىن «قان ئىشلەش»كە ئۆزگەرتىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى. چىڭگىل ناھىيەسى قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقى مول بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى پائال يولغا قويۇپ، 22 نامرات كەنتتە فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن 22نى قۇردى.

  چىڭگىل ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۇڭ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: «كەنت دەرىجىلىك فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشىدىكى كونكرېت تەدبىرى، شۇنداقلا چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى يولغا قويۇشىدىكى مۇھىم تۇتقىسى. فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپ قالىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى