تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

خەلقئارا چوڭ بازاردا ساياھەتچىلىك جانلاندى

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جياڭ شياۋ فوتوسى، خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا، بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى سۈي شۈەن (سولدا) بىلەن ھەمراھى يېڭى سېتىۋالغان داپنى تۇتۇپ سۈرەتكە چۈشتى. سۈي شۈەن ئۈرۈمچىدىكى سەپىرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يەنە تۇرپانغا بېرىپ ساياھەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 6-ئاي كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى 1 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ بىر ئىسىم كارتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، قاراماي شەھىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆز ئارا ساياھەت قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ شىنجاڭنىڭ پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى بويىچە مۇھىم ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلدى، مەدەنىيەت-ساياھەت يۇغۇرما، ماس تەرەققىياتىدا دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى