7-ئاينىڭ 7-كۈنى، بىر يەرلىك ئاھالە قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئايدا، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسىمى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان قەشقەرنىڭ كىلىماتى قۇرغاق، قاتتىق ئىسسىق بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ. 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە يامغۇر ياغدى، يامغۇردىن كېيىنكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە سەيلە قىلغاندا، ھاۋاغا ئازراق نەمخۇش پۇراق قوشۇلۇپ، كوچىلار تېخىمۇ پاكىز، رەتلىك بولۇپ، ئۆرپ-ئادەت بىلەن تولغان بۇ قەدىمىي شەھەر تېخىمۇ يېقىشلىق بولۇپ كەتتى.
قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 310 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور كۆلەمدە ئاشقان.
7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر يامغۇردا قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
7-ئاينىڭ 7-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى بىر ناۋايخانىدا، ناۋايلار نان ياقماقتا.
7-ئاينىڭ 7-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى 100 يىللىق چايخانىدا، ساياھەتچىلەر يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىللە چاي ئىچىپ سالقىندىماقتا.
(مۇخبىر جاۋ گې فوتوسى)