تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ياۋايى ئاتتىن تۆتى قوشۇلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىرىمىز جاۋ مېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خېفەن) يېقىندا، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى يېرىم يايلىتىپ بېقىلغان ياۋا ئات ئۇدا تۆتنى تايچاقلىدى، ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ پرژېۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ شىنجاڭدىكى تۈر توپى سانى 416 تۇياقتىن ئاشتى.

شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىڭ شىنمىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ياۋا ئاتلار كۆپىيىش پەسلىگە كىرگەندىن بۇيان، سەككىزنى تايچاقلىغان، بۇنىڭغا بوغازلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى تايچاقنى قوشقاندا، بۇ يىل مەزكۇر باغچىدىكى تايچاقلارنىڭ سانى 10غا يېتىپ، تارىختىن بۇيانقى ياۋا ئاتلار ئەڭ كۆپ تايچاقلىغان بىر يىل بولۇپ قالغان.

2004-يىلى 9-ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزى ئالدى-كەينى بولۇپ شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىغا 60 تۇياقتىن ئارتۇق ياۋا ئاتنى يەتكۈزۈپ بەردى ھەمدە يېرىم يايلىتىپ كۆندۈردى. ھازىر، بۇ يېرىم يايلىتىپ بېقىلغان ياۋا ئاتلارنىڭ دالىدا ياشاش ئىقتىدارى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى.

شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پرژېۋالىسكى ياۋا ئېتى يۇرتىغا قايتقان 34 يىلدىن بۇيان، ئالدى-كەينى بولۇپ دۆلەت سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن 24 ياۋا ئات ئاساسىدا، 6 ئەۋلاد 703 تۇياق ياۋا ئاتنى يېتىشتۈرگەن. ھازىر پۈتۈن شىنجاڭدىكى ياۋا ئات تۈر توپى سانىدا، يېرىم يايلىتىپ بېقىلغان ياۋا ئات 108، قوتاندا بېقىلغان ياۋا ئات91، دالىدا بېقىلغان ياۋا ئات 217 تۇياققا يەتكەن.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە پرژېۋالىسكى ياۋا ئېتىدىن دۇنيا بويىچە پەقەت 2000دىن ئارتۇقلا قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى