7-ئاينىڭ 6-كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسى گاۋتەي ناھىيەسى شىنبا بازىرىنىڭ خۇڭشاخې كەنتىدە سۈرەتكە تارتىلغان گۈل دېڭىزى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. تومۇز كۈنلىرىدە، چىليەنشەن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلىق رايونغا جايلاشقان گەنسۇ ئۆلكىسى گاۋتەي ناھىيەسى شىنبا بازىرىنىڭ خۇڭشاخې كەنتىدە ئۆستۈرۈلگەن لەيلىقازاقلار رەڭگارەڭ ئېچىلىپ، گۈل دېڭىزى مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گاۋتەي ناھىيەسى شىنبا بازىرى گۈل-گىياھ، كۆكتات ئۇرۇقى تېرىقچىلىقىنى خاس كەسىپ سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، دېھقانلارنى كۆلەملەشتۈرۈش، مەركەزلەشتۈرۈپ تېرىشقا پائال يېتەكلەپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكى ئۈنۈمىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تايانچ كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.
7-ئاينىڭ 6-كۈنى، گەنسۇ ئۆلكىسى گاۋتەي ناھىيەسى شىنبا بازىرىنىڭ خۇڭشاخې كەنتىدە سۈرەتكە تارتىلغان لەيلىقازاقلار.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جۇڭ شياۋلياڭ فوتوسى)