تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

سايرام كۆلىنىڭ «تەبىئىي گۈزەل» ئېكولوگىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  سايرام كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى ( مۇخبىر ساۋ خۇا خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئايدا، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سايرام كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونىدا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كىشىلەر كۆل بويىدىكى يازنىڭ سالقىنلىقىدىن، ئاق بۇلۇت، كۆك ئاسمان، ياۋا گۈللەر ۋە كۆل سۈيىدىن ھاسىل بولغان گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلاندى.

  تۇنجى قېتىم سايرام كۆلىگە كەلگەن كىشىلەر: «بۇ يەر نېمە دېگەن گۈزەل!» دېيىشسە، سايرام كۆلىگە قايتا كەلگەن كىشىلەر: «بۇ يەر تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىپتۇ» دېيىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سايرام كۆلى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كۆل مىسلى كۆرۈلمىگەن «سالاپىتى»نى نامايان قىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئەڭ گۈزەل ساياھەت تەسىراتى بېغىشلىدى.

 «ئېسىمدە قىلىشىچە، 10 يىل ئىلگىرى سايرام كۆلىگە ئوينىغىلى كەلگەندە، مەنزىرە رايوننىڭ شارائىتى ۋە مۇھىتى بىر قەدەر ئارقىدا قالغان ئىكەنتۇق، ئوتلاقنىڭ ھەممىلا يېرى ئات-كالىنىڭ تىزەكلىرى بولۇپ، بەزىلەر ئاپتوموبىلىنى كۆل بويىغا ھەيدەپ باراتتىكەن، ئاپتوموبىللارنىڭ چىملارنى بېسىشى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ دەسسىشى بىلەن كۆل بويىدىكى چىملىقلارنىڭ بەزى يەرلىرىدىن سېرىق توپىلىرى كۆرۈنۈپ قالغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆل سۈيىنىڭ قىرغاققا ئۇرۇلۇپ يالىشىدىن، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ۋە ئوتلاقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن» دېدى ساياھەتچى ليۇ ۋېيچۈن مۇخبىرغا.

  سايرام كۆلى بويىدىكى ساياھەتچى.

  ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن سايرام كۆلىگە كەلگەندە، ليۇ ۋېيچۈننىڭ نەزەرىدىكى سايرام كۆلىدە باشقىچە بىر قىياپەت پەيدا بولدى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئاتلارنى كۆل بويىغا قويۇۋېتىدىغان ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى، ئوت-چۆپلەر ۋە ياۋا گۈللەر ئېچىلىپ، يالىڭاچلىنىپ قالغان بىر پارچە يەرنىمۇ كۆرگىلى بولمىدى، كۆل سۈيى يالاپ كەتكەن نەچچە 10 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەريا بويى تاش پارچىلىرى بىلەن مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىن، كۆل سۈيىنىڭ سۈزۈكلىكىدىن تېگى كۆرۈندى.

  مۇخبىر سايرام كۆلى مەنزىرىلىك رايونىنى زىيارەت قىلغاندا، سايرام كۆلىگە كېلىپ باققان نۇرغۇن ساياھەتچى سايرام كۆلىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردى. خۇبېيدىن كەلگەن ساياھەتچى خۇاڭ جيەننىڭ سايرام كۆلىگە 2-قېتىم كېلىشى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: سايرام كۆلىدىكى سەيلە كېمىلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ماي كۆيدۈرىدىغان كاتېردىن توك ئىشلىتىدىغان يەلكەنلىك كېمىگە ئۆزگەرتىلىپتۇ، بۇ كېمە مۇھىت ئاسراپلا قالماي، تېخى چىرايلىق بولۇپ، كۆل يۈزىدە يۈرگەندە خۇددى دېڭىزدا سەيلە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىپ، سايرام كۆلىدىكى يېڭى مەنزىرىگە ئايلىنىپتۇ. 

  سايرام كۆلى بويىدىكى ئاق قۇلار.

  مۇخبىرنىڭ سايرام كۆلى داڭلىق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سايرام كۆلى مەنزىرىلىك رايونىدا ساياھەتچىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، مەنزىرە رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بېسىمى ئېغىر بولغان. سايرام كۆلى مەنزىرىلىك رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، شۇ جاي «سايرام كۆلى مەنزىرىلىك رايونى ئومۇمىي پىلانى»نى تۈزۈپ چىقىپ، «رايون ئىچىدە ساياھەت قىلىش، رايون سىرتىدا قونۇش» قوغداش خاراكتېرلىك تەرەققىيات پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەنزىرىلىك رايوننىڭ شەرق تەرىپىدە 12.5 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان سايرام كۆلى داڭلىق مەنزىرە رايونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بازىسى قۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سايرام كۆلىنى «تەبىئەتكە قايتۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرگەن. جۈملىدىن يادرولۇق رايوندىكى 425 مىڭ مو ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلەش، كۆل ئەتراپىدا 50 مىڭ مو ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بارلىق يالىڭاچ يەرلەرنى كۆكەرتىش، ئېكولوگىيەلىك تاش تاشلاپ قىرغاقنى مۇستەھكەملەش، 93 كىلومېتر ئېرىق - ئۆستەڭنى تۈزەش، ئەخلەت، پاسكىنا سۇلارنى كۆل تەۋەسىدىن يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش يولغا قويۇلغان. پاكىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئارىلىق ئاپتوموبىل، يەلكەنلىك كېمە، بېلىقچىلىق شىركەتلىرىنىڭ كېمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بىر پارچە ئەخلەت، بىر تامچە پاسكىنا سۇنىڭ سايرام كۆلىدە قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان. دەريا-كۆل تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، 2018-يىلى دەريا-كۆل تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، سايرام كۆلىنىڭ مۇھىتنى تۈزەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان، كۆل گەۋدىسىنىڭ سۇ سۈپىتى 2018-يىلى 2-تۈرگە كۆتۈرۈلگەن. كۆل رايونىدىكى ئوتلاق ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يېقىنلىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېشىل مەنزىرىلىك رايونى، ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىلىك رايونى بەرپا قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى