تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يۈزىڭىزنى بىۋاستە سۇ پۈركۈپ يۇيماڭ

تۇرمۇشتا، نۇرغۇنلىغان ئاياللار يۇيۇنغاندا يۈزىنى سۇ پۈركۈپ يۇيۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا «تەبىئىي ئانا» تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، يۇيۇنغاندا ئەڭ ياخشى بۇ خىل ئۇسۇلنى ئاز ئىشلىتىش كېرەك دېيىلدى.

1. يۇيۇنغان چاغدىكى سۇ تېمپېراتۇرىسى ئىسسىق. ئامېرىكا تېرە كېسىلى ئىلمىي جەمئىيىتى يۈز يۇيغاندا ئىلمان سۇ ئىشلىتىش تەكلىپىنى بەردى، ئەمما يۇيۇنغان چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر قىزىقراق سۇ ئىشلىتىدۇ، بۇ سېزىمچان يۈز قىسمىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن ئىسسىق ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا نيۇيورك سىناي تېغى دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ھۆسن تۈزەش ۋە كلىنىكىلىق تەتقىقات تارمىقىنىڭ مۇدىرى يوشۇئا سەيكېنا دوختۇر مۇنداق بىلدۈردى: «يۇقىرى تېمپېراتۇرا قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، ئاجىز توقۇلمىلارنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئىسسىق سۇ يەنە تېرىنى ئاسرايدىغان ياغلىق توسۇقنى سويۈپ تاشلايدۇ.»

2. سۇ بېسىمى بەك چوڭ. بىز ئادەتتە يۈز يۇيغاندا، ئاساسەن يۈزىمىزنى قولىمىزدا سۇ چېچىپ ياكى لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ يۇيىمىز. ئەمما يۇيۇنغاندا بولسا، سۇ پۈركۈگۈچتىن چۈشكەن سۇنىڭ زەربە كۈچى يۈزدىكى نازۇك مۇسكۇل تېرىگە نىسبەتەن غىدىقلاش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ تېرە سىلىقلاش مەلھىمى سۈركىگەندە كۈچەپ تۆۋەنگە قارىتىپ يۈزنى ئۇۋۇلىغاندەك تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ.

3. يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن. ئامېرىكا تېرە كېسىلى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆڭۈلدىكىدەك يۇيۇنۇش ۋاقتى 5 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە ئارىلىقىتا بولۇشى كېرەككەن. تېرە مۇتەخەسسىسى جاستىن خوكستور دوكتور مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇيۇنغان ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، يۈز تېرىسى شۇنچە قۇرغاق بولۇشى مۇمكىن. تېرە نەملىكىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولغان سېرامىد، ماي كىسلاتاسى ۋە ياغ قاتارلىق تەبىئىي نەملىك ساقلاش فاكتورىنىڭ ھەممىسى سۇدا ئېرىشچان بولىدۇ، يۇيۇنغاندا يۈزگە سۇنى پۈركۈپ 10 مىنۇت يۇيغاندا، ئۇلار پاك-پاكىز يۇيۇلۇپ كېتىدۇ.

4. خىمىيەلىك بۇيۇملارنىڭ غىدىقلىشى. يۈزگە ئېقىپ چۈشكەن باش يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، چاچ ئاسراش مەلھىمى تېرىنى غىدىقلىشى مۇمكىن. بۇ خىمىيەلىك بۇيۇملار تېرىنىڭ ياغ قەۋىتىنى يۇيۇپ، تېرە قۇرغاق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى