تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

7-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈريوللاردا يېڭى يۈرۈش خەرىتىسى يولغا قويۇلىدۇ

ئىككى ئاي داۋاملىشىدىغان مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي باشلاندى. يازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا 720 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 53 مىليون 840 مىڭ ئادەم قېتىم كۆپىيىپ، %8.1 ئېشىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11 مىليون 610 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش مۆلچەرلەندى. جايلاردىكى تۆمۈريول تارماقلىرى يازلىق يولۇچى توشۇش لايىھەسىنى كەينى-كەينىدىن يولغا قويۇپ، توشۇش كۈچىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، سەپەر مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈريوللاردا نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى يېڭى يۈرۈش خەرىتىسى يولغا قويۇلىدىكەن. خەرىتە تەڭشەلگەندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا 4477 جۈپ يولۇچىلار پويىزى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىۋاسىتە نۆۋەتچى پويىز 1669 جۈپ، ئوق پويىز گۇرۇپپىسى 3310 جۈپ، باشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدىكى بېسىق مەزگىل نۆۋەتچى پويىزلىرى 460 ئىكەن. بەش جۈپى يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قوزغىتىلىدىكەن.

يازلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە، تۆمۈريول تارماقلىرى بېيجىڭ-شاڭخەي، بېيجىڭ-گۇاڭجوۋ، شاڭخەي-كۈنمىڭ، نىڭبو-چىڭدۇ، خاڭجوۋ-شېنجېن، نەنجىڭ-گۇاڭجوۋ، گۇيياڭ-گۇاڭجوۋ، شىئەن-چىڭدۇ، چۇڭچىڭ-گۇيياڭ، قاتارلىق لىنىيەلەردە ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنى قايتا ئۇلاپ ياكى چوڭ گۇرۇپپىلاپ يۈرۈشلەشتۈرۈپ مېڭىشقا قاتناشتۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىكەن؛ ۋاگون قوشۇش، نۇقتىلىق يۆنىلىشلەردە نۆۋەتچى پويىز تولۇق گۇرۇپپىلاپ يۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئادەتتىكى سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىنىڭ توشۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن.

توشۇش كۈچىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە تولۇقلىما بېلەت سېتىۋېلىش ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ناچار ھاۋارايىنىڭ پويىزنىڭ كېچىكىشى قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشىلايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مېھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش