تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مارالبېشى: قۇملۇق چېتىدە بىشەكشېرىندىن مول ھوسۇل ئېلىندى

مارالبېشى ناھىيەسىدىكى قوغۇنچى دېھقانلار يېڭى ئۈزۈۋېلىنغان بىشەكشېرىننى كۆرسەتمەكتە.

خەلق تورى خەۋىرى: تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىگە توغرا كېلىدىغان شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسى تەبىئىي قۇمسىمان ئەت تۇپرىقى ۋە ھەر يىلى 200 نەچچە كۈن قىروۋسىز مەزگىلى بولغانلىقى، شۇنىڭدەك كېچە ۋە كۈندۈز تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىشەكشېرىن ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن باب كېلىدۇ. مارالبېشى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى مارالبېشى ناھىيەسىدە بىشەكشېرىن ئۆستۈرۈش كۆلىمى 10 مىڭ موغا يەتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 25 مىڭ توننا ئەتراپىدا بولىدىكەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 35 مىليون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشىدا ئۈمىد بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى