تۈنۈگۈن ئاخىرلاشقان جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچ مەيدان مۇسابىقىسىدە، ئۆز مەيدانىدا مۇسابىقىلەشكەن كوماندىلارنىڭ ھەممىسى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ چېمپىيونلۇقنى تالىشىۋاتقان گوئەن كوماندىسى بىلەن شاڭگاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئايرىم ھالدا غەلىبە قىلىپ، جۇغلانما نومۇر رەت تەرتىپىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قالدى. گۇاڭجوۋ خېڭدا كوماندىسى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە قارشى تەرەپ مەيدانىدا تيەنجىن تيەنخەي كوماندىسىنى يېڭىپ، جۇغلانما نومۇر رەت تەرتىپىدە 24 سائەت 1-ئورۇندا تۇردى، بۇ، مۇشۇ كوماندىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 1-ئورۇنغا تىزىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
تۈنۈگۈن، بېيجىڭ گوئەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 0گە قارشى 3 نەتىجىدە ۋۇخەن جوئېر كوماندىسىنى يېڭىپ، جۇغلانما نومۇر رەت تەرتىپىدىكى 1-ئورۇنغا قايتىپ چىقىپ، ئىزچىل خېڭدا كوماندىسى بىلەن ئىككى نومۇر پەرقلىنىشتەك ئەۋزەللىكنى ساقلاپ قالدى. شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1گە قارشى 3 نەتىجىدە شېنخۇا كوماندىسىنى يەڭدى. مۇشۇ ئايلانمىدىن كېيىن شاڭگاڭ كوماندىسى يەنىلا خېڭدا كوماندىسى بىلەن ئوخشاش نومۇر ئالدى، بىراق كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى جەھەتتە خېڭدا كوماندىسىدىن بىر توپ كەم، كەتكۈزۈپ قويغان توپ سانى جەھەتتە بىر توپ ئارتۇق بولۇپ، ساپ كىرگۈزگەن توپ سانى ئاز بولۇش ئەھۋالى سەۋەبلىك 3-ئورۇنغا تىزىلدى. خېڭدا كوماندىسى كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ مەيدانىدا تيەنجىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، يەنى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى (پەيشەنبە كۈنى) تيەنجىن تەيدا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى