تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

600 مىڭ مو كۆلەمدىكى چىلگە شالنى ئورۇش خىزمىتى باشلاندى

دېھقانچىلىق ماشىنىسى شوپۇرى ئورۇۋېلىنغان شالنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.

خەلق تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھىرى تەيخې ناھىيەسى ماشى بازىرى جىڭجوۋ كەنتىدە، تەيخې فېڭيىڭ شالچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ دېھقانچىلىق ماشىنىسى شوپۇرلىرى كومبايىندا چىلگە شال ئورۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ 600 مىڭ مو كۆلەملىك چىلگە شالنى ئورۇش خىزمىتىنى باشلىدى. تەيخې ناھىيەسى مەملىكەتلىك تاۋار ئاشلىق بازا ناھىيەسى، ھازىر دەل يازلىق يىغىم مەزگىلى بولۇپ، دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ چىلگە شال ئورۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىر دانە ئاشلىقنى ئامبارغا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى، ياز كۈنلىرىدە ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا مول ھوسۇل ئېلىش ئالدىراشلىقىغا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى