تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يەلكەن چىقىرىپ، دولقۇن يېرىپ قايتا ئاتلىنىش

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خو شياۋگۇاڭ، جاڭ شياۋسۇڭ، لو جېڭگۇاڭ، جياڭ لىن

«بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق سىستېمىلىق، ئومۇمىي جەھەتتە قايتا قۇرۇش. بىز مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئومۇمىي جەھەتتە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سىستېمىسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، قوراللىق كۈچلەر سىستېمىسى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمەت سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇش خاراكتېرىدە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش كۈچى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى، قوراللىق كۈچلەرنىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللەش ھاياتىي كۈچىنى سىستېمىلىق كۈچەيتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ ھەل قىلالمىغان كۆپلىگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان راۋانلاشتۇرۇشنى ئويلىغان بولساقمۇ راۋانلاشتۇرالمىغان كۆپلىگەن تۈزۈلمە - مېخانىزمنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيەلىك سىستېمىسى ئاساسىي گەۋدە رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق».

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بۇ مۇھىم، زور ئىسلاھاتنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى.

2013- يىلى 11- ئايدا، پارتىيەنىڭ 18- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش» باش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە «پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تارماقلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش» كېرەكلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «تۈرلۈك ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىشنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھەم ئىچكى ئاپپاراتلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2018- يىلى 2- ئايدا، پارتىيەنىڭ 19- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئاپپارات ئىسلاھاتى مەسىلىسى مەخسۇس تەتقىق قىلىنىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەزدىن يەرلىككىچە يۇقىرى - تۆۋەن قەلبداش بولۇپ، پۇختا ئالغا سىلجىتتى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت، توسالغۇسىز غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشتەك يېپيېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تېز سۈرئەتتە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتى، ئاكتىپ ئۈنۈم تەدرىجىي نامايان بولدى.

«پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتى، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدايدىغان ئاپپارات فۇنكسىيە سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى؛ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيەسىنى ئومۇمىي جەھەتتە قايتا قۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى تېخىمۇ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، تۈرلۈك ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى <بەشنى بىر گەۋدە قىلىش> ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە <تۆت ئومۇميۈزلۈك> ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتى؛ ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ ئاساسلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مەركەز بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماسلىقنى ساقلىدى، مەركەزدىن يەرلىككىچە يۈرۈشۈشى راۋان، ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشقان خىزمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى؛ ئارمىيە - يەرلىكتىن ھالقىغان ئىسلاھات ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلدى؛ مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئاپپارات ئىسلاھاتلىرى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى».

«پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭ دائىرىسىدە پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلدى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا بىز ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك جەڭ. ئاپپارات ئىسلاھاتى ياراتقان پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى يىغىنچاقلىشى ھەم بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ بۇ مۇھىم، زور ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، تېخىمۇ مۇھىمى ئىسلاھاتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، بېكىتىلگەن نىشانغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە قىلىنغان قايتا سەپەرۋەرلىك.

مۇھىم، زور سىياسىي تەدبىر

چوڭقۇر تارىخىي ئۆزگىرىش

بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات بۇ مەيدان ئىسلاھات ۋەزىيىتىنى ئوبرازلىق نامايان قىلدى:

− مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى قاتلىمىدا، بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتى 1 مىليون 800 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمگە چېتىلدى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، ئاپپارات تەسىس قىلىش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت ۋە خادىملارنى تەڭشەشكە چېتىلغان تارماق 80دىن كۆپرەككە يەتتى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتىدىن ئۈچى يېڭىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلدى، تۆتىنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتىدىن تۆتى، گوۋۇيۈەننىڭ كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتىدىن ئىككىسى ساقلاپ قېلىنمىدى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاپپاراتتىن 25ى تەشكىللەپ قۇرۇلدى ۋە يېڭىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلدى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاپپاراتتىن 31ىنىڭ رەھبەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى تەڭشەلدى، ئەلالاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاپپاراتتىن 21ى تەكشۈرۈپ قىسقارتىلدى، بەنزىدىكى باش، مۇئاۋىن ۋەزىپە سانىدىن 58ى تەكشۈرۈپ قىسقارتىلدى؛ تەسىس قىلىنغان مىنىستىر ياردەمچىسى تارمىقىدىن توققۇزى قىسقارتىلدى، ۋەزىپە سانىدىن 25ى قىسقارتىلدى.

− مەركەز قاتلىمىدا 39 تارماق «ئۈچنى بېكىتىش» بەلگىلىمىسىنى يېڭىدىن تۈزدى، 25 تارماق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تەڭشىدى. «ئۈچنى بېكىتىش» بەلگىلىمىسىنى يېڭىدىن تۈزگەن تارماقلارنى ئاساس سانغا كىرگۈزۈش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىچكى ئاپپاراتتىن جەمئىي 107سى ئىخچاملىنىپ، ئىخچاملىنىش نىسبىتى %15.4 بولدى؛ مەھكىمە، ئىدارە رەھبەرلىك ۋەزىپە سانىدىن 274ى ئىخچاملىنىپ، ئىخچاملىنىش نىسبىتى %10.8 بولدى؛ ئىشتاتتىن 713ى ئىخچاملىنىپ، ئىخچاملىنىش نىسبىتى %3.1 بولدى. يەرلىك ئۆلكە دەرىجىلىك قاتلامدا، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكىدىن سەككىزى قىسقىراپ، قىسقىراش نىسبىتى %0.43 بولدى؛ مەمۇرىي ئىشتاتتىن 1343ى قىسقىراپ، قىسقىراش نىسبىتى %0.6 بولدى. شەھەر دەرىجىلىك قاتلامدا، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىن 1501ى قىسقىراپ، قىسقىراش نىسبىتى %7.23 بولدى؛ مەمۇرىي ئىشتاتتىن 461ى قىسقىراپ، قىسقىراش نىسبىتى %0.03 بولدى. ناھىيە دەرىجىلىك قاتلامدا، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىن 5362سى قىسقىراپ، قىسقىراش نىسبىتى %5.26 بولدى؛ مەمۇرىي ئىشتاتتىن 3092سى قىسقىراپ، قىسقىراش نىسبىتى %0.14 بولدى.

تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىكىسى بولسا، سانلىق مەلۇماتلار ئارقىسىدىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، فۇنكسىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇلۇشىدۇر:

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى، ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرى، ۋاكالەت ئورگانلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ھەم ئۇلارنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئەلالاشتۇرۇلدى. گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرى ئەلالاشتۇرۇلۇپ تەڭشىلىپ، ئىقتىسادنى تەڭشەش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جەمئىيەت باشقۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش فۇنكسىيەسى كۈچەيتىلدى. بىر ئىشنى پىرىنسىپ جەھەتتە بىر تارماق بىرتۇتاش پىلانلاش، بىر ئىشقا پىرىنسىپ جەھەتتە بىر تارماق مەسئۇل بولۇش بويىچە، نۇقتىلىق ھالدا تەبىئىي بايلىقنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش، شەھەر - يېزىلاردىكى بۇلغىما چىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسى تۈرلىرىنى باشقۇرۇش، مونوپوللۇققا قارشى قانۇن ئىجرا قىلىش، شەھەر - يېزىلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمىتى كاپالىتى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، چەت ئەلگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، دۆلەت ماددىي ئەشيانى زاپاس ساقلاش قاتارلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتلەر تەڭشىلىپ، ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئۇزاق مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تارماقلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى گىرەلىشىپ كېتىش، مۇناسىۋىتى راۋان بولماسلىقتەك 60تىن ئارتۇق ئىش تۈرى ھەل قىلىندى. تارماقلارغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنى بىرىكتۈرۈش - ئايرىپ بېرىش بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، كەسپىي ئورۇنلار ئۈستىگە ئالغان مەمۇرىي فۇنكسىيە مەمۇرىي ئورگانلارغا ئايرىپ بېرىلدى. دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، مەدەنىيەت، قاتناش - تىرانسپورت، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىنىڭ تۈرلىرى زور دەرىجىدە قىسقارتىلدى...

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ئىسلاھاتقا «سالمىقى مىسلىسىز» «كۈتمىگەن يەردىن چىقتى» دەپ باھا بېرىپ، ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى مىسلىسىز، چېتىلىدىغان مەنپەئىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تېخىمۇ مىسلىسىز، دەپ قارىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى تېمىغا دۇچ كەلمەكتە.

بەزى ساھەلەردە پارتىيە ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يەنىلا دېگەندەك تاكامۇل، كۈچلۈك ئەمەس، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ بەزى ساھەلەردە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى تەكرار بولۇش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت گىرەلىشىپ كېتىش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايرىلىپ كېتىش مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك؛ بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنىڭ ئايرىلىشى دېگەندەك ئىلمىي بولماي، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى بوش قېلىش ۋە ئۈنۈم - ئىقتىدارى يۇقىرى بولماسلىق مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش دېگەندەك جايىدا ئەمەلىيلەشمىدى؛ بىر قىسىم ساھەلەردە مەركەز ۋە يەرلىك ئاپپاراتلارنىڭ فۇنكسىيەسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىردەك يىرىك بولۇپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ ئايرىلىشى تازا مۇۋاپىق ئەمەس...

يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزدى:

«پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئۈستقۇرۇلمىغا تەۋە بولۇپ، جەزمەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىشى شەرت. ئىقتىساد ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا، جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا،ئۈستقۇرۇلمىغا يېڭى تەلەپكە ماسلىشىپ، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك.»

«پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىگە قارىتا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتا، ھەممىسىنى يېڭى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىگە قويۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا تۇرۇپ تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك.»

پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇ توسالغۇ ۋە نۇقسانلارنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىشقا بەل باغلىدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق ئايدىڭلاشتۇردى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نىشانى − سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى تولۇق ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سىستېمىسىنى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ئېنىق، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قوراللىق كۈچلەر سىستېمىسىنى، ئالاقە دائىرىسى كەڭ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، رېۋىزىيە ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، خەلق تەشكىلاتى، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ پارتىيەنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىغا، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش.

2015- يىلىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىن ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

پارتىيەنىڭ 19- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭ پەردىسىنى ئۆز قولى بىلەن ئاچقانىدى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم، زور سىياسىي تەدبىرى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى تامامەن توغرا، ئىسلاھاتنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشى قەتئىي، كۈچلۈك بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ھاسىل بولغان ياخشى سىياسىي ئېففېكتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

يۇقىرى - تۆۋەن قەلبداش بولۇش

ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش

2018- يىلى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى پىڭئەنلى غەربىي چوڭ كوچىسى 41- نومۇر.

«پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىنىپ ئىككى كۈندىلا، يېڭىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلغان دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋىۋىسكىسىنىڭ يوپۇقى رەسمىي ئېچىلىپ ئىشقا كىرىشتى. بۇ، سىرتتىكىلەر تەرىپىدىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قارالدى.

بۇ، ئىسلاھاتنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلىرىنى نامايان قىلغان بىر پارچە ۋاقىت جەدۋىلى −

2018- يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئوت مۇداپىئە ئىدارىسى ئورگىنى ھەم بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۆتكەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تاماملىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسىگە چېتىلغان تارماقلارنىڭ ھەممىسى يۆتكەپ تەشكىللەپ قۇرۇش، ۋىۋىسكا ئېسىش، مەركەزلىك ئىش بېجىرىش ۋە يېڭى ئاپپارات نامىدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى تاماملىدى؛

9- ئاينىڭ 13- كۈنى، «خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى بولۇپ قالدى؛

11- ئاينىڭ 11- كۈنى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋەزىپىنامىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزدىكى 31 ئۆلكىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى پۈتۈنلەي «تۈزۈلدى» ھەم سىرتقا ئېلان قىلىندى؛

2019- يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ۋاقىت جەدۋىلى، لىنىيە خەرىتىسى بويىچە، ئاپپارات ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئومۇمىي جەھەتتىن تاماملاندى.

بۇ مۇساپىدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ، مەركەز قاتلىمى ۋە يەرلىكنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، ئىسلاھاتنىڭ كېيىنكى مۇساپىسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆزى كۆڭۈل بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، ئىسلاھاتنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە ھەرقايسى تارماقلارنىڭ خىزمەت لايىھەسىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ بېكىتتى، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ «ئۈچنى بېكىتىش» بەلگىلىمىسىنى ئۆزى ئىمزا قويۇپ تەستىقلىدى، مۇھىم، زور سىياسەت مەسىلىلىرىنى ئۆزى ماسلاشتۇردى، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك ھۆججەت 190دىن كۆپرەككە يەتتى. ئىسلاھاتتىكى بىر قىسىم ئاچقۇچلۇق پەيت، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەسكىن ھۆكۈم قىلىپ، ئاخىرقى قارارنى چىقاردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم گۇرۇپپا يىغىنى ۋە ئۈچ قېتىم ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، مۇھىم، زور مەسىلە، مۇھىم، زور ئىختىلاپتىن 180 پارچە قېتىمدىن ئارتۇقنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ قائىدە - نىزاملىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئادەمنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قاتتىق ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ لىنىيە خەرىتىسى، ۋاقىت جەدۋىلىگە سېلىشتۇرۇپ، يۆنىلىشنى تۇتۇپ، مېخانىزمنى تۇتۇپ، ئاچقۇچنى تۇتۇپ، قىيىن نۇقتىنى تۇتۇپ، تۈزۈمنى تۇتۇپ، قانۇنچىللىقنى تۇتۇپ، ئىنتىزامنى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى تېز، پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولدى.

«ئالدى بىلەن تىكلەپ ئاندىن قالدۇرۇش، تىكلەنمىگۈچە قالدۇرماسلىق» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىشىغا، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ مۇقىم جىپسىلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش −

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تىكلەش» بىلەن «قالدۇرۇش»نىڭ ئۇلىنىش تەرتىپى ۋە دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. «تىكلەش» خىزمىتىنى «قالدۇرۇش»نىڭ ئالدىدا ئىشلەش، «تىكلەش»تىن بۇرۇن، «قالدۇرۇش»قا ئالدىرىماسلىق كېرەك. بىر تەرەپتىن، پۇختا «تىكلىگەن»دىلا، ئاندىن ياخشى «قالدۇرغىلى» بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۈزۈل - كېسىل «قالدۇرغان»دىلا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى «تىكلەش» ئۈچۈن شارائىت ياراتقىلى بولىدۇ.

بۇ مۇھىم پىرىنسىپقا ئاساسەن، ھەرقايسى تارماقلار ئىسلاھات مۇساپىسىدە ۋاقتىدا جىپسىلاشتۇرۇپ، تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، خىزمەتنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات قەدىمىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا، خىزمەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

13 تارماق ۋە ئورۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەسى بىرىكتۈرۈلگەن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى بۇ قېتىمقى تەڭشەشتىكى «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ مىنىستىرلىق» دەپ ئاتالدى. رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىشتىن بۇرۇن، خادىملار ئەمەلىيلەشمىگەن، ئىش بېجىرىش ئورنى بېكىتىلمىگەن ئەھۋالدا «جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش» ھالىتىگە كىرىپ، مىنىستىرلىق رەھبەرلىرى نۆۋەتلىشىپ خىزمەت ئورنىدا باشلامچىلىق قىلىدىغان 24 سائەت نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاسادىپىي پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى ياكى تەبىئىي ئاپەتلەرگە بىرىنچى ۋاقىتتا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچنى بېكىتىش»تىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت گىرەلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش −

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا تارماقلارنىڭ ئاپپارات ئىشتاتىدا ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى بېكىتىشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارماقلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. شەكىلنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىپ، كۆپ تەرەپلىك، تارقاق بولۇش، بۆلەكلەر بويىچە ئايرىلىپ تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئىي بايلىق ئىگىلىرى ئەمەلىيلەشمەسلىك، بوشلۇق خاراكتېرلىك يىرىك پىلان تەكرار بولۇش، تارماقلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى گىرەلىشىپ تەكرارلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سەككىز تارماق ۋە ئورۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەسى بىرىكتۈرۈلگەن تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ئىلمىي ھالدا ئاپپارات تەسىس قىلىش ۋە خادىملارنى سەپلەش ئارقىلىق، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاسراش، سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى مۇھىم تۈزۈلمە كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇ قېتىم تەشكىللەپ قۇرۇلغان بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق بەش ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسى قوشۇنىدا، ئەسلىدىكى 30دىن ئارتۇق قانۇن ئىجراسى ساھەسى بىرىكتۈرۈلدى، 1 مىليوندىن ئارتۇق قانۇن ئىجراچىسىغا چېتىلدى، كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق ۋە تەكرار قانۇن ئىجرا قىلىش مەسىلىسى ھەقىقىي ھەل قىلىندى، بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇن ئىجراسىدا خەلقنى پاراكەندە قىلىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

ئىسلاھات ۋە قانۇنچىللىقنى تەڭ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە مۇكەممەللەشتۈرۈش −

باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئومۇمەن مۇھىم، زور ئىسلاھاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قانۇن ئاساسى بولۇشى كېرەك» دەپ ئېنىق تەلەپ قىلدى.

بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتى نۇرغۇن تارماقنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەشكە چېتىلىدۇ، 160تىن كۆپ قانۇن، 230دىن كۆپ مەمۇرىي نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ، سانى كۆپ، مەزمۇنى كۆپ، ئەھۋاللىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس.

2018- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدا قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە چېتىلىدىغان مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى»نى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 40تىن ئارتۇق قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تاماملىدى.

2018- يىلى 5- ئاينىڭ 24- كۈنى، گوۋۇيۈەن «گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدا مەمۇرىي نىزام - بەلگىلىمىلەرگە چېتىلىدىغان مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار»نى تۈزۈپ بېسىپ تارقىتىپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن ئىلگىرى ئاپپارات تەسىس قىلىپ قايتا تەشكىللەش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تەڭشەش، قانۇن ئىجراسىنى باشقۇرۇشنىڭ قانۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىغا چېتىلىدىغان پارتىيە ئىچىدىكى نىزام ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى مەخسۇس ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈچ پارچىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، 35 پارچىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى.

ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ئىسلاھاتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش −

بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپلىكى، چېتىلىدىغان مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولدى، لېكىن ئالغا سىلجىتىلىشنىڭ تەكشى، مۇقىم، ئۈنۈمىنىڭ پۇختا بولۇشىمۇ مىسلىسىز بولدى.

ئىسلاھاتتا سىياسىي يېتەكچىلىك گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كۆپ قېتىملىق سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش قاتلاممۇقاتلام قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىش، ئىسلاھات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئاتلىنىشقا تەربىيەلەندى، يېتەكلەندى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت زور مىقداردىكى سىياسەت خاراكتېرلىك، پىرىنسىپ خاراكتېرلىك، لاۋازىمەت خاراكتېرلىك، كونكرېت خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى زىچ ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، تارماق ھالقىغان نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، كادىرلارنى يۆتكەش، سەپلەشنى ئەتراپلىق ياخشى ئىشلەپ، ئارتۇق سەپلەنگەن كادىرلارنى بىرتۇتاش ھەزىم قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى؛ دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» يېگۈزدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئىسلاھاتنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلدى، ئىسلاھاتنى پائال قوللىدى.

نىشان يۆنىلىشى روشەن بولۇش

تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش، خادىملار تەۋەلىكىنى يۆتكەش، ئاپپاراتقا ۋىۋىسكا ئېسىش قاتارلىق «فىزىكىلىق قايتا تەشكىللەش» تاماملىنىپلا قالماي، بەلكى خادىملارنى يۇغۇرۇش، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش ۋە فۇنكسىيەنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، بىر قاتار «خىمىيەلىك رېئاكسىيە»لەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى.

«بىر قىزىل سىزىق» باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈلدى − پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچەيتىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى يەنىمۇ نامايان قىلىندى.

بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا، بايراق روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىندى.

2018- يىلى 3- ئاينىڭ 28- كۈنى، يەنى «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» سىرتقا ئېلان قىلىنىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. مەركەز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەركەز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى قىلىپ ئۆستۈرۈلدى، بۇ ئەسلىدىلا «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»دىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن.

رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشى، خەينەننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىن يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكى تەسىس قىلىش، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشقىچە... بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەركەز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى جەمئىي سەككىز قېتىم يىغىن ئېچىپ، 100گە يېقىن ئىسلاھات ھۆججىتىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.

بۇ مۇھىم تەدبىر بەلگىلەش سۇپىسى ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېپيېڭى ئەمەلىيىتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش رولى تېخىمۇ نامايان قىلىندى.

مەركەز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن باشقا، بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا يەنە مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، مەركەز مالىيە - ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كومىتېتقا ئۆزگەرتىلىپ، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى، مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى قاتارلىقلار تەشكىللىنىپ، پارتىيەنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم، زور خىزمەتلەرگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، تەدبىر بەلگىلەش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى.

پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆپ تەرەپلىك باشقۇرۇشنى ئازايتىش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت گىرەلىشىپ كېتىشنى ئازايتىش بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدىكى بىر مۇھىم ئويلىنىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەڭشەپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى پارتىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىغا قوشۇۋەتتى ياكى بىرلىككە كەلگەن تەۋەلىك بويىچە رەھبەرلىك قىلدى، ياكى پارتىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىغا قوشۇپ ۋىۋىسكا ئېسىپ، مەلۇم جەھەتتىكى مەمۇرىي ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن تەۋەلىك بويىچە ماسلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۆز ساھەسىدىكى مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلىدى.

تارماقلارغا ۋىۋىسكا ئېسىش يېڭى ئاپپارات نامى بىلەن سىرتقا قارىتا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك ھەرىكەت. ۋىۋىسكا ئېسىش - ئاسماسلىقنى، قانداق ئېسىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرتۇتاش تەتقىق قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ۋىۋىسكىنىڭ شەكلى، خەت شەكلى، ماتېرىيالى، ئېسىلىدىغان ئورۇن قاتارلىقلارغا قارىتا قېلىپلاشتۇرۇش خاراكتېرلىك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىغا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى قوشۇپ ئېسىشنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ماھىيەت خاراكتېرلىك ۋىۋىسكا ئېسىشنى تەلەپ قىلدى. مەسىلەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىگە دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى قوشۇپ ئېسىش، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىگە دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى، دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى، دۆلەت كىنو ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى قوشۇپ ئېسىش، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە گوۋۇيۈەن چياۋمىنلار ئىشلىرى ئىشخانىسى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى قوشۇپ ئېسىش قاتارلىقلار. بۇنداق قىلىش كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشىغا قولايلىق يارىتىپ، پارتىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈستىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى ئۈچۈندۇر.

بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئارمىيە دېگەن ئارمىيە، ساقچى دېگەن ساقچى، خەلق دېگەن خەلق پىرىنسىپى بويىچە، قوراللىق ساقچى قىسىم تەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى رەھبەرلىك قىلىپ باشقۇرىدىغان ھازىر ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان كۈچلەرنىڭ ھەممىسى قوراللىق ساقچى قىسىمدىن چېكىندۈرۈلۈپ، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ رەھبەرلىك قىلىش، باشقۇرۇش ۋە قوماندانلىق قىلىش، ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلدى. ئىسلاھاتتىن كېيىن، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تاموژنىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئەسكىرىي كۈچى ئومۇمىي جەھەتتىن چېكىندۈرۈلدى، دېڭىز ساقچى قىسىملىرى ئومۇمىي جەھەتتىن قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ رەھبەرلىكى - قوماندانلىقىغا تەۋە بولدى. قوراللىق ساقچى ئوت مۇداپىئە، ئورمان قىسىملىرى ئىشتاتى بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىغا تەۋە قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوت مۇداپىئە - قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللەندى. قوراللىق ساقچى ئالتۇن قىسمى ئومۇمىي جەھەتتىن تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەبىئىي بايلىقنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش قوماندانلىق مەركىزى ۋە 13 كەسپىي گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ ئۇللۇق، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق گېئولوگىيە خىزمىتى ۋەزىپىسى ۋە كۆپ مېتاللىق قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. قوراللىق ساقچى سۇ ئېلېكتىر قىسمىنىڭ تۈزۈلمىسى جۇڭگو ئەننېڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ «يېڭى ئەسكىرى»گە ئايلاندى. جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە، مۇھاپىزەت قىسىملىرى فورما ئالماشتۇرۇپ ۋە ساقچى بولۇپ، خەلق ساقچىلىرىغا خاس يېپيېڭى ئوبراز بىلەن خىزمەت ئورنىغا ئاتلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى داۋاملىق ئۈستىگە ئالدى.

«بىر نىشان»نى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى − ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، يۈرۈشۈشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالغا قاراپ زور بىر قەدەم تاشلاندى.

بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا، مۇناسىۋەتلىك جايلاردىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، «بىر يىرىك پىلان، بىر ئۇلۇغۋار پىلان» ئومۇمىي تەپەككۇرى بويىچە، ئوخشاش بولمىغان تارماقلار ئۈستىگە ئالغان سۇبيېكت فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانى، شەھەر - يېزا يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى، دېڭىز ئوكيان سۇبيېكت فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانى قاتارلىقلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداشنىڭ «بىر پارچە خەرىتىسى» شەكىللەندۈرۈلۈپ، «كۆپ خىل يىرىك پىلاننى بىرىكتۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەربىر سۇڭ دۆلەت زېمىنى ئېنىق، چۈشىنىشلىك پىلانلاندى.

يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئەسلىدىكى يەتتە تارماقنىڭ ئالاقىدار ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، يەر ئۈستى بىلەن يەر ئاستى، قىرغاق بىلەن سۇ ئىچى، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز - ئوكيان، شەھەر بىلەن يېزا، كاربون چالا ئوكسىدى بىلەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىدىن ئىبارەت «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى، ھەمدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇردى. «مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى سۇغا، دېڭىزغا چۈشمەسلىك»، «سۇچىلىق تارماقلىرى قىرغاققا چىقماسلىق»، «دېڭىز - ئوكيان تارماقلىرى قۇرۇقلۇققا چىقماسلىق»تەك پارچىلىنىپ كەتكەن ئىش تەقسىماتى ئەندىزىسى ئۈزۈل - كېسىل بۇزۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى ئىزچىل قىلىشنى ئويلاپ كەلگەن، لېكىن باشتىن - ئاخىر قىلىنمىغان دېڭىز، دەرياغا قويۇلىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى، مەسىلەن، بوخەي دېڭىزى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش - تۈزەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى سانى ئىلگىرىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ، ئىسلاھاتنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى تولۇق نامايان قىلىندى.

ساقچى دېگەن ساقچى، ھۆكۈمەت دېگەن ھۆكۈمەت، كارخانا دېگەن كارخانا پىرىنسىپى بويىچە، ساھە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى تەڭشەلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى سۇ تىرانسپورتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى، قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئورمانچىلىق - ئوتلاق ئىدارىسى رەھبەرلىك قىلىپ باشقۇرمايدىغان بولدى. خەلق ئاۋىياتسىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە تاموژنا ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش ئورگىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ قوش رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلىدۇ.

يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى دابەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى پىلانلىغان بىر قاتار ياپون تىلى سىن پىروگراممىلىرى ياپونىيەدىكى ئاساسىي ئېقىم تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا كۆرسىتىلدى، «يېقىشلىق <سۆزلەر> − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ ياپون تىلىدىكى نۇسخىسىمۇ تۇنجى قېتىم ياپونىيە تاماشىبىنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ياخشى تارقىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىرىكتۈرۈپ تەشكىللەنگەندىن بۇيان، ئۈچ ئىستانسا ئۆزئارا چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ئەۋزەللىكلەر بىلەن ئۆزئارا تولۇقلاپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، «3<1+1+1»تىن ئىبارەت «خىمىيەلىك رېئاكسىيە»نى پەيدا قىلىپ، يېڭى ئىدىيەنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، دۇنياغا جۇڭگو ھېكايىسىنى سۆزلەش، جۇڭگو ئاۋازىنى تارقىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا ئورگان ئارقا سەپ مۇلازىمەت كاپالىتى ئۇسۇلىدا بىر قىسىم ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلدى، يېڭىلىق يارىتىلدى، يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى قاتارلىق تارماقلار ئايرىم ئارقا سەپ مۇلازىمەت ئورگىنى تەسىس قىلماي، بەلكى دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈرلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، خىراجەتنى سىستېما بويىچە باشقۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، ئىشخانا قىلىنىدىغان ئۆيلەرنى رېمونت قىلىش، مۈلۈك باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئاپتوموبىل ئىشلىتىش مۇلازىمىتى، ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنى سەپلەشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ تىپ، 16 ئىش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارقا سەپ مۇلازىمىتى بىلەن بىرتۇتاش تەمىنلەپ، ھەم ئورگان خادىملىرىنى ئىخچاملاپ، مەمۇرىي بايلىقنى تېجىدى، ھەم مۇلازىمەت تىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

«بىر يۆنىلىش» تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈلدى − خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ھوقۇق - مەنپەئىتى تېخىمۇ ياخشى قوغدىلىپ، تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەقەززاسى، ئەلنىڭ ئارزۇسى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلدى.

«دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تۈپ تەدبىرىدە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئاساس.» بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى زىچ چۆرىدىلىپ، ۋەزىپە ياخشى ئادا قىلىنىپ، مەسئۇلىيەت تولۇق ياخشى ئادا قىلىنىپ، مائارىپ - مەدەنىيەت، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سەھىيە - ساغلاملىق، داۋالىنىش كاپالىتى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمىتى، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەردە ئاپپاراتلارنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش سالمىقى زورايتىلدى.

«بۇ شەرەپ تاختىسى ماڭا بىزنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشى ئىكەنلىكىمىزنى، شۇنداقلا ئەڭ شەرەپلىك كىشى ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلدۇردى.» يېقىندا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى 85 ياشلىق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي خۇاڭ زۇنەندىن كەلگەن بىر پارچە رەھمەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

بوۋاينىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئۈچ ئەۋلاد كىشى ھەربىي بولغان. ھەر دەرىجىلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئاپپاراتلىرىنىڭ يېڭىدىن تەشكىل قىلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشاش 34 مىليون ئائىلىگە شەرەپ تاختىسى ئېسىلدى، 39 مىليون ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي ۋە باشقا نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلدى ۋە ئۇچۇرى توپلاندى، ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشقان 82 مىڭ كادىر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن 400 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ شەرەپ تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلدى.

جېجياڭ ئۆلكىسى ماھىرلىق بىلەن ناھىيە، يېزا تارماقلىرى، ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىپ، تەرتىپنى قايتا شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى، قانۇن ئىجراسىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەشنى ئالغا سىلجىتتى، ئۆلكە دەرىجىلىكتە دېڭىز ئوكيان بېلىقچىلىقى، دورىگەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە قانۇن ئىجراسى قوشۇنى ساقلاپ قېلىنغاندىن سىرت، باشقا مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى فۇنكسىيەسىنى ئاساسلىقى شەھەر - ناھىيە ئۈستىگە ئالدى، 18 يېزا - بازار (كوچا) «بىر قوشۇن قانۇن ئىجراسىنى باشقۇرۇش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرگەنلەر باشقۇرالماسلىق، باشقۇرۇش ھوقۇقى بارلار كۆرەلمەسلىك، شۇنداقلا كۆپ تەرەپ باشقۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

گۇيجوۋ ئۆلكىسى نامراتلارنى زور كۆلەمدە يۆلەش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، چوڭ ئېكولوگىيە ئىستراتېگىيەسى مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاپپارات تەسىس قىلىش، فۇنكسىيەنى تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجرا قىلىش كۈچلۈك، ئاددىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان مۇلازىمەت باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

ئاپپارات ئىسلاھاتى ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەتكە بولغان يېڭى ئېھتىياجى جاۋابقا ئېرىشتى، ئەڭ تەقەززا بولغان، ئەڭ ئالدىرىغان، ئەڭ ئەنسىرىگەن، ئەڭ ئاغرىنغان بىر قىسىم گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىدا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلدى.

لەنجوۋ يېڭى رايونىدا، 3 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان بىر تۈر پات يېقىندا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. «تۈرنى تىزىملىتىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن پۈتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرگىچە پەقەت بىر يىللا ۋاقىت كەتتى، بۇنى ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايتتى» دېدى شىركەت مەسئۇلى ھاياجانلانغان ھالدا.

بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتى ئارقىلىق، لەنجوۋ شەھىرى كۆپ تارماقنىڭ ئالاقىدار ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەشكىللەپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش قانات يايدۇردى. قۇرۇلۇش قىلىش تۈرلىرىدە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كۆپ، ۋاقىت چەكلىمىسى ئۇزاق، تەرتىپ مۇرەككەپ بولۇشتەك «ئورتاق كېسەل»لىككە قارىتا، بارلىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىدە ۋاقىت چەكلىمىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى قىسقارتتى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ئاپپارات ئىسلاھاتىنى پۇرسەت بىلىپ، يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، بېرىش، باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، «بىر تامغا بىلەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى باشقۇرۇش»نى يولغا قويۇپ، «بىر تور بىلەن ھەممىنى بېجىرىش» «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»نى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا ئىسلاھات ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش

ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش

ئاپپارات ئىسلاھاتى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىسلاھات داۋامىدا نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەر توپلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، داۋاملىق ھالدا ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بىر قاتار مۇھىم ئىلھام بىلەن تەمىنلىدى.

ئىسلاھاتنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە باتۇرلار غەلىبە قىلىدۇ.

كونىلىققا ئېسىلىۋالغاندا چىقىش يولى بولمايدۇ، قورقۇپ ئالغا ئىلگىرىلىمىگەندە پۇرسەت قولدىن كېتىدۇ، بىردىنبىر ئامال تېخىمۇ زور قەتئىي ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا باسقاندىلا، ئاندىن ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتقىلى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۆزى ئۈستىدە قىلىنغان بىر مەيدان ئىنقىلاب.

قوزغىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي رىتىمنى بەلگىلىدى: «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىرىمچىككە تېگىش، مەنپەئەتكە چېقىلىش، شۇنداقلا ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك، ئۆزىنى يېڭىلاشتەك جاسارەت ۋە قەلب بولۇشقا توغرا كېلىدۇ».

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقى، بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھاتتا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق ۋە مەنپەئەتنى تەڭشەشتىن ئۆزىنى قاچۇرماي، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاددىي ھالدا ياماپ تۈزەپلا قويماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىۋاتقان ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت گىرەلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ ھەل قىلىش كېرەك.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈنلۈك، قايتا قۇرۇش خاراكتېرلىك ئىسلاھ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «دۇنيا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان جۇڭگونىڭ سۈرئەتنى تېزلەتكەنلىكىنى كۆردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان جۇڭگو ئىرادىسىنى كۆردى».

ئوتتۇرا ئېقىننىڭ شىددەتلىك قاينىمىدا، باتۇرلار جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى، «تاغدا يولۋاس بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، يولۋاس بار تاغقا چىقىش»تەك جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش كېرەك.

ئىسلاھاتتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، بولۇپمۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لار ئىسلاھاتنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتقا پايدىلىق ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، بۇ ئارقىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئەلرايى مۇقىم بولسا، ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ئەلرايى مايىل بولسا، ئىسلاھات ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

گەرچە ۋاقىت قىس، زىددىيەت كۆپ، ۋەزىپە ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا قىسقىغىنا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، بۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا شەكىللەنگەن ياخشى كەيپىياتتىن بولغان.

دۆلەت بېجى، يەرلىك باج سىستېمىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېرىمغا يېقىن مەھكىمە، ئىدارە دەرىجىلىك ئاپپاراتلار ئىخچاملاندى، 22 مىڭدىن ئارتۇق رەھبىرىي كادىر «بىرىنچى قول»دىن «مۇئاۋىن»غا ئۆزگەرتىلدى.

«كەسكىن ئىدىيەۋى كۈرەشتە ھەقىقەتەن تاماق ئېغىزغا تېتىمايدىغان، كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان ئەھۋاللار بولدى، لېكىن ئىسلاھاتتا توختاپ قالغۇدەك، كۈتۈپ تۇرغۇدەك بوش ۋاقىت يوق، بىز دىققەت نەزەرىمىزنى ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىمىز ئارقىلىق كۆڭلىمىزنى، كەيپىياتىمىزنى تىندۇردۇق...» سەنشى باج تارماقلىرىدىكى «بىرىنچى قولدىن مۇئاۋىنغا ئۆزگەرگەن» 13 كادىر، ئۆزىنىڭ «ۋاز كېچىش»ى ئارقىلىق ئىسلاھاتتىكى «ئېرىشىش»نى قولغا كەلتۈردى.

ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغاندا، جەزمەن ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابتا يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ. سىياسىي ئۆلچەم ۋە سىياسىي تەلەپنى ئىسلاھاتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق، ئىسلاھات يېڭى روھىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىسلاھات چوڭ ۋەزىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك.

ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى نىشاندا ئالغا سىلجىتىشتا ئاساسلىنىدىغان تەجرىبە يوق، ئاساسلىنىدىغان ئەندىزە يوق، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچقىلى بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىلدى، ھەم ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم كونا مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، ھەم ئاپپارات ئىسلاھاتىدا كۆرۈلگەن يېڭى مەسىلىلەر چوڭقۇر تەتقىق قىلىندى، ئىسلاھات داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلدى.

مەركەز قاتلىمىدىكى ئىسلاھات لايىھەسى ئاساسىي قاتلامنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى نۇرغۇن ئىزدىنىشىنى قوبۇل قىلدى، يەرلىك ئاپپارات ئىسلاھاتى يەنە مەركەز قاتلىمىدىكى ئاپپارات ئىسلاھاتى ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرىنى تولۇق ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، جانلىق ئالغا سىلجىتتى.

گۇيجوۋ، گۇاڭدۇڭ، خېنەن، جىلىن قاتارلىق جايلار «چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى» تەسىس قىلدى، بېيجىڭ بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەسىس قىلدى، گۇاڭدۇڭ گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى تەسىس قىلدى، شەندۇڭ دېڭىز - ئوكيان تەرەققىيات كومىتېتى ۋە دېڭىز - ئوكيان ئىدارىسى تەسىس قىلدى ... بىر تۈركۈم «ئۆزى تاللاش ھەرىكىتى» مەركەز بىلەن يەرلىك ئىككىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغىدى.

بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنى ئەلالاشتۇرۇش، بىرىكتۈرۈشنى دادىل ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت تۈرىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنى كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتتى، مەمۇرىي تۈردىكى كەسپىي ئورۇنلاردا مەمۇرىي تارماقلار بىلەن كەسپىي تارماقلارنى ئايرىدى، ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنى زور كۆلەمدە بىرلەشتۈردى، ئەلالاشتۇردى، بىرىكتۈردى. دوختۇرخانا، مەكتەپلەردىن باشقا، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە 27 مىڭ 514 ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى كەسپىي ئورۇن 2366گە بىرىكتۈرۈلۈپ، ئىخچاملىنىش كۆلىمى %90تىن ئاشتى، 400 مىڭدىن ئارتۇق خادىمغا چېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئۆلكىدىكى 1174 تىجارەت خاراكتېرىدىكى كەسپىي ئورۇننىڭ تۈزۈمى ئۆزگەرتىلىپ كارخانا گۇرۇھى قىلىپ تەشكىللىنىپ، ساقلانما مىقدار مۈلۈك بايلىقى جانلاندۇرۇلۇپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتىلدۈرۈلۈپ، بازارنىڭ رىقابەت ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

ئاپپارات ئىسلاھاتىنى بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، بىر ئەجىر بىلەنلا مەڭگۈ راھەت كۆرگىلى بولمايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمىتى ئاخىرلاشتى، لېكىن ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مۇلازىمەت ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ». «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپپاراتنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇشنى تۈزۈم، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش كېرەك».

ھازىر، بەزى تارماقلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت چېگراسى، ماس ماسلىشىش مېخانىزمى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، تارماقلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى گىرەلىشىپ كېتىش، بىرمۇبىر ئارىلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ يەنە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. شەھەر، ناھىيە بىر دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتى قاتارلىق قىيىن نۇقتىلار گەرچە ھەل قىلىنغان، ۋەزىيەت يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە سىجىل يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەدرىجىي تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك.

«پارتىيەنىڭ 18- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش ئالدىمىزغا قويۇلغان قاتتىق ۋەزىپە. ھازىر 2020- يىلىدىكى مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پەقەت بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى. بىز ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، داۋاملىق قاتتىق جەڭ قىلىپ، قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

غازاڭنىڭ ئورنىنى بىخ ئالار، سۇلار ئۈزۈلمەي ئاقار.

يېڭى مۇساپىدە يېڭى ۋەزىپىلەرنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىسلاھات يەلكىنىنى داۋاملىق ئېگىز چىقىرىپ، بۆسۈپ ئۆتۈش جاسارىتىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغاندىلا، چوقۇم تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالىنى تىرىشىپ ياراتقىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.