تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاپپارات ئىسلاھاتى قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان جاسارەتكە موھتاج، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئەقىل - پاراسەتكە موھتاج.

«قىسقىغىنا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، 19- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە نەتىجىلىرى، تۈزۈم نەتىجىلىرى، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى.» پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈمنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئاپپارات ئىسلاھاتى قولغا كەلتۈرگەن «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»تىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىدى، بۇ، بىزنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشىمىز، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىزنىڭ ھەرىكەت يېتەكچىسى.

ئاپپارات ئىسلاھاتى قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەشتە، «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»نىڭ ئاساسىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»تىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىدى: پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، تىكلەنمىگۈچە قالدۇرماسلىق، ئالدى بىلەن تىكلەپ ئاندىن قالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ بىر تاختا شاھمات بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە، ئۆزئارا ماسلىقىدا چىڭ تۇرۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ئىسلاھاتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. بۇ «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» ئاپپارات ئىسلاھاتى ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي خۇلاسىلىنىشى بولۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بىلەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى ئەكس ئەتتۈردى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشقانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ، بىزنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ پۇختا، ئىنچىكە، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا مۇھىم يېتەكچىلىك رولغا ئىگە.

ئاپپارات ئىسلاھاتى قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەشتە، «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»نىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. بۇ قېتىمقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى قىسمەن، ياماپ تۈزەيدىغان ئىسلاھات بولماستىن، بەلكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق سىستېمىلىق، ئومۇمىي جەھەتتە قايتا قۇرۇشتۇر. پارتىيەنىڭ 19- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ قائىدە - نىزاملىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئادەمنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قاتتىق ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. بىز مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئومۇمىي جەھەتتە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سىستېمىسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، قوراللىق كۈچلەر سىستېمىسى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇش خاراكتېرىدە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش كۈچى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى، قوراللىق كۈچلەرنىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللەش ھاياتىي كۈچىنى سىستېمىلىق كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيەلىك سىستېمىسى ئاساسىي گەۋدە رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق. «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»تىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئاپپارات ئىسلاھاتى ئەمەلىيىتىدە ئىزدىنىلگەن ۋە توپلانغان، يەنە ئاپپارات ئىسلاھاتى ئەمەلىيىتىگە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىدا مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر.

ئاپپارات ئىسلاھاتى قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەشتە، «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەيلى ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بولسۇن، ياكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش بولسۇن، ھەممىسى بىزدىن ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتى تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى قايتا قۇرۇشنى تاماملىغان، ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ھەقىقىي تۈردە «خىمىيەلىك رېئاكسىيە» ھاسىل قىلىپ، قۇدرەتلىك تۈزۈم ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى كەڭ قوزغاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

«ئاقىللار ۋاقىت - شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، دانالار ئىشقا بېقىپ تەدبىر تۈزىدۇ.» يېڭى دەۋردىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، ئىسلاھات ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات غەيرىتىنى ئاشۇرۇپ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشكە ماھىر بولۇپ، قانۇنىيەتنى چوڭقۇر ئىگىلىسەكلا، بىز چوقۇم ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىسىنى تېخىمۇ ياخشى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يۈكسەكلىكىگە ئۈزلۈكسىز بەلگە سېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى