تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ باڭلادىش دۆلىتىنىڭ زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 5- كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا باڭلادىش دۆلىتىنىڭ زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن باڭلادىش دۆلىتى ئەنئەنىۋى دوست قوشنا دۆلەتلەر. مەن 2016- يىلى دۆلىتىڭلاردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ۋاقتىمدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنىڭ تېز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز دۆلەتلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىندى. نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن باڭلادىش ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىپلا قالماي، ئاسىيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ۋە دۇنيانىڭ ئېچىۋېتىشى، ھەمكارلىقىغىمۇ پايدىلىق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق تەرەققىياتى، ئورتاق تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باڭلادىش تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپكە بەرگەن قىممەتلىك مەدىتىنى تەرىپلەيدۇ، باڭلادىش دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىنى، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو - باڭلادىشنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى كەڭ، كەلگۈسى پارلاق. ئىككى تەرەپ سودا، سېلىنما، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئېنېرگىيە - ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، قاتناش - تىرانسپورت، ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، «رەقەملىك يىپەك يولى»نى ئورتاق قۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باڭلادىش تەرەپ بىلەن مائارىپ، مەدەنىيەت، ياشلار، تاراتقۇ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - باڭلادىشنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ باڭلادىش دۆلىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قوللاشنى خالايدۇ.

خاسىنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى، غايەت زور مۇۋەپىقىيەتلىرىنى تەبرىكلەيمەن. باڭلادىش دۆلىتى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئورناتقان باڭلادىش - جۇڭگو دوستانە مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەپ، بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بەرگەن قىممەتلىك مەدىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. باڭلادىش تەرەپ دۆلەت ئاتىسى مۇجىبۇر راخمان ئوتتۇرىغا قويغان «ئالتۇن باڭلادىش» ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا، داۋاملىق جۇڭگو تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا، سېلىنما سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، رەقەملىك ئىقتىساد، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش - خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. باڭلادىش دۆلىتى جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، باڭلادىش - جۇڭگو - ھىندىستان - بىرما ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.