تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر مۇھىم تەدبىر، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر مۇھىم، زور ھەرىكەت، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر قېتىملىق مەركەزلىك ھەرىكەت.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ تەلەپ قۇرۇق، ئابستراكت ئەمەس، ئۇنى ھەرقايسى تەرەپلەردە، ھەرقايسى ھالقىلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىسلاھات پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قارىتا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇنىڭدىكى مەقسەت پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تىرىشىپ ئاپپارات فۇنكسىيەسى جەھەتتىن پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ئاپپارات فۇنكسىيەسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشنى مۇكەممەل، كۈچلۈك بولغان تۈزۈلمە - مېخانىزم كاپالىتى، مۇستەھكەم تەشكىلىي ئاساس ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەت سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەپ، پارتىيەنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش ئۈچۈندۇر.

بۇ قېتىمقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، كۆرسەتمىلەرنى بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. قىسقىغىنا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، 19- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە نەتىجىلىرى، تۈزۈم نەتىجىلىرى، ئەمەلىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىسلاھاتتىن كېيىن، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتى، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدايدىغان ئاپپارات فۇنكسىيە سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى تېخىمۇ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە يۈرۈشۈشى راۋان، ھاياتىي كۈچكە تولغان خىزمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە، قوراللىق ساقچى قىسىمغا، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولدى.

بۇ قېتىمقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە بولغان بىر قېتىملىق سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك قايتا قۇرۇش، ئىسلاھات سالمىقىنىڭ زورلۇقى، تەسىر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، چېتىلىدىغان مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ئاز كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئىسلاھاتنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى كۈچلۈك، ئىنتىزامى قاتتىق، نەتىجە - ئۈنۈمى پۇختا بولدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن كەلگەن، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا شەكىللەنگەن ياخشى سىياسىي كەيپىياتتىن كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولغان ئىسلاھات رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىدىن كەلگەن بولۇپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە - ئۈنۈمنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

پارتىيە ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇستەھكەم رەھبەرلىك يادروسى. بۇ قېتىمقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تەشكىلىي قۇرۇلمىنى قايتا قۇرۇش تاماملانغان، ئاپپاراتلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەڭشەش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن پەقەت «يۈزەكى» مەسىلىلەرلا ھەل قىلىندى، ھەقىقىي تۈردە «خىمىيەلىك رېئاكسىيە» پەيدا قىلىشتا يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەش، سىياسەت بېكىتىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ياراتقان پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ پۇختا، ئىنچىكە، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى