تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتايلى

ئاقتۇ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بەكتۇر مەمەت يۈسۈپ

مەن بىر قىرغىز مىللىتى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ئۇلۇغ پارتىيە ۋە ئۇلۇغ ۋەتەن بولمىسا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولمايتتى، ئىناق - ئىتتىپاق بولغان مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى بولمايتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشى ۋە بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدىكى ئاساسىي مېلودىيە بولۇپ كەلدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى، ئائىلىمىزدىكىلەر بىر چوڭ قورۇدا ئولتۇراتتى، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق قوشنىلىرىمىز بولۇپ، ئاتا - ئانام ئۇلار بىلەن ناھايىتى ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتەتتى. دادام دائىم بىزگە «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا» «بىز ھەر مىللەت ھەممىمىز قېرىنداش ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللار» دەيتتى.

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، بىز بىرنەچچە كىچىك دوست قوشنىمىز لى مۇئەللىمنىڭ ئۆيىدە ئوغلى بىلەن بىللە تاپشۇرۇق ئىشلەشنى، بىللە ئويناشنى ياخشى كۆرەتتۇق، ھازىرغىچە ھەممىمىز ناھايىتى ياخشى دوست. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندا ۋە خىزمەتكە چىققاندا، مەن يەنە باشقا مىللەتتىن بولغان تېخىمۇ كۆپ دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، ھەر مىللەت دوستلار ئارىسىدا ئەڭ مۇھىمى ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

ئاتا - ئانىمىزنىڭ تەلىم - تەربىيەسىدە، بىز ئەۋلادلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئىدىيەسىگە باشتىن - ئاخىر ۋارىسلىق قىلدۇق، 2- سىڭلىم چوڭ بولغاندىن كېيىن خەنزۇ ئەرگە ياتلىق بولۇپ، بېيجىڭدا ئولتۇراقلىشىپ يىلتىز تارتتى. چوڭ قىزىم مېنىڭ تەسىرىمدە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئارزۇ تولدۇرغاندا شاڭخەي تۇڭجى داشۆسى قارىمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاللىدى، بۇ ئىككى يىلدا ئۇ خۇنەن، ئەنخۇي قاتارلىق بىرقانچە ئۆلكە، شەھەردىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە باردى. يېقىندا بىز تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، ئۇ خۇشال ھالدا ماڭا بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئىچكىرىدىكى ئىككى خەنزۇ دوستىنىڭ شىنجاڭنى كۆرگىلى كېلىدىغانلىقىنى، بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ مېھمان بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن بەك خۇشال بولدۇم. ئائىلىمىزدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەر «خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزئارا ئايرىلالمايدۇ» دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدۇق. دەل مۇشۇنداق ئىناق - دوستانە، ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان، ئۆزئارا سىڭىشكەن كەچۈرمىش كىشىلىك ھاياتىمنى زور دەرىجىدە بېيىتتى.

يېڭى تارىخىي دەۋردە، مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشكە نۇقتىلىق كۈچەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار - ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار - ئامما بىلەن بىرلىكتە، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى شىنجاڭ تۇپرىقىدا دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى