تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، تۇغقانلارغا كۆيۈنۈش گۈزەل ئەخلاقىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش

− 6- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى لو شياۋمېي توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن دېڭ لىجۈەن

«بۇ ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، تۇغقانلارغا كۆيۈنۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىمدىن سەل خىجىل بولۇۋاتىمەن، چۈنكى مەندىنمۇ ياخشى قىلىۋاتقان كىشىلەر يەنە نۇرغۇن. مەن داۋاملىق خۇرەك دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، تۇغقانلارغا كۆيۈنۈش جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، مەن ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىم بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئىللىقلىق يەتكۈزىمەن» دېدى لو شياۋمېي 6- ئاينىڭ 29- كۈنى.

بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن لو شياۋمېي ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى ئىتتىپاق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، 27 يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى كۆنچىسۇڭ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق خۇرەك ھېكىم بوۋاينىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىپ كەلدى. بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن خۇرەك بۇ قىزىنى تىلغا ئالغاندا ھەمىشە باشمالتىقىنى چىقىرىپ توختىماي «ياخشى» دەپ ماختايدۇ.

1992- يىلى، لو شياۋمېي خۇرەك بىلەن تام قوشنىلاردىن بولۇپ قالدى. 1993- يىلى يازدا، قاتتىق يامغۇر خۇرەكنىڭ كېسەك ئۆيىنى ئۆرۈۋەتتى، بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لو شياۋمېي يېتىپ كېلىپ، تام بېسىۋېلىپ يارىلانغان خۇرەكنى ھاپاش قىلىپ ئۆيدىن ئېلىپ چىقتى، يەنە ئۆزىنىڭ يېڭىلا سالغان خىش ئۆيىنى بوۋاينىڭ تۇرۇشىغا بەردى. لو شياۋمېينىڭ كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى نەتىجىسىدە، خۇرەكنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلدى. خۇرەكنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، لو شياۋمېي يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئىككى ساغلىق قوي سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ بېقىشىغا بەردى.

2015- يىلى باھاردا، لو شياۋمېينىڭ ئېرىنىڭ بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى، ئۇلار كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 60 - 50 مىڭ يۈەن خەجلىدى. 2016- يىلى، لو شياۋمېينىڭمۇ بۆرەك ئۈستى بېزى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى، ئۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىپ، ئۆيىدىكى بارلىق تاپقان - تەرگىنىنى خەجلەپ تۈگەتتى. شۇڭا، خۇرەك ئۆزى چىقىرالىغۇدەك پۇلنىڭ ھەممىسىنى يىغىشتۇرۇپ لو شياۋمېيغا بەردى.

2017- يىلىنىڭ بىر كۈنى، خۇرەك تۇيۇقسىز ھوشسىزلىنىپ يەرگە يىقىلىپ چۈشتى، بۇ لو شياۋمېينى بەك قورقۇتۇۋەتتى، ئۇ ئېرى بىلەن بىللە بوۋاينى ناھىيەدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، دوختۇر بوۋاينىڭ كېسەل ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى، دوختۇرخانا يۆتكىلىپ داۋالىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. لو شياۋمېي ئېرى بىلەن بىللە بوۋاينى دەرھال ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ، بوۋاي ئۈچۈن دوختۇرخانىدا يېتىش خىراجىتىنى تاپشۇردى. داۋالاش ئارقىلىق بوۋاينىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، خۇرەك ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرالىدى، ھەر ئايدا يەنە تۆۋەن كاپالەت ۋە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بار بولدى. لو شياۋمېينىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولدى، ئۇ بالىلىرى بىلەن ناھىيە بازىرىدا تۇرىدۇ، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى ياكى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە لو شياۋمېي ئەر - خوتۇن دائىم خۇرەك دادىسىنى يوقلاپ تۇرىدۇ.

ليۇ شېڭچۈەن ئاۋات بازىرى ئىتتىپاق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، ئۇ مۇنداق دېدى: «6- ئاينىڭ 18- كۈنى، تېلېۋىزوردا لو شياۋمېينىڭ ئىش ئىزلىرى كۆرسىتىلدى، مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى تەسىرلەندۇق، چۈنكى لو شۇجى بىزگە ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بوۋايغا ياردەم قىلغان ئىشلىرىنى دەپ باقمىغانىدى».

نەچچە كۈندىن بۇيان، لو شياۋمېينىڭ ئىش ئىزلىرى ئاۋات ناھىيەسىدە كەڭ تارقىلىپ، كۈچلۈك ئىنكاس ۋە ئورتاق سادا قوزغىدى. ھەقىقىي ھېسسىياتى، چىن دىلى بىلەن ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، تۇغقانلارغا كۆيۈنۈش لو شياۋمېينىڭ باشتىن - ئاخىر بىردەك چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ، شۇنداقلا ئۇنىڭ باشقىلارغا ئۈلگە بولغانلىقىنىڭ كارتىنىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى