تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

خەلقئارا كوممۇنىزم جەڭچىسى: لو شېڭجياۋ

لو شېڭجياۋنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 6- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شيې يىڭ) 67 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ جەڭچىسى لو شېڭجياۋ ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن چاۋشيەنلىك ئۆسمۈر سۈي يىڭنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. شۇ يىلى، لو شېڭجياۋ ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەنىدى. قەھرىتان سوغۇق كۈندە مۇز تۇتۇپ كەتكەن دەرياغا ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي سەكرەپ چۈشكەن ئاشۇ ياشنىڭ سىيماسى ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتكىنى يوق، تاكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا بىزنىڭ قەلبىمىزنى لەرزىگە سالماقتا.

لو شېڭجياۋ 1931- يىلى خۇنەن ئۆلكىسى شىنخۇا ناھىيەسىنىڭ سۇڭشەن يېزىسى تۇڭزى كەنتى مالۇڭ جىلغىسىدىكى بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، 11 يېشىدا ئاندىن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن. ئۇ قەيسەر، جاپادىن قورقمايدىغان روھ بىلەن كەچلىرى چىراغ ئاستىدا يېرىم كېچىگىچە ئۆگىنىش قىلغان، مەكتەپ پۈتكۈزگەندە ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆلكىلىك 9- سىفەن مەكتىپىگە ئۆتكەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، لو شېڭجياۋ تىزىمغا ئالدۇرۇپ ھەربىي سەپكە قاتناشقان، غەربىي خۇنەن ھەربىي - سىياسىي كادىرلار مەكتىپىگە ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەن. 1950- يىلى لو شېڭجياۋ مەلۇم قىسىمنىڭ كاتىپلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا ئەۋەتىلىپ ئوقۇغان، كېيىن يەنە 47- جۈن 141- شىغا بىۋاسىتە قاراشلىق رازۋېدكا ليەنىنىڭ كاتىپلىقىغا تەقسىملەنگەن، غەربىي خۇنەندە باندىتلارنى تازىلاش كۈرىشىگە قاتناشقان.

1951- يىلى، لو شېڭجياۋ پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىغا قاتناشقان ھەم قىسىمغا ئەگىشىپ چاۋشيەنگە ئاتلانغان.

لو شېڭجياۋ چاۋشيەن زېمىنىغا قەدەم باسقاندا، ھەممىلا يەردىكى كۆيۈپ كەتكەن لىم، كاھىشلارنى كۆرۈپ، تىنچلىقنى قوغداش ئېتىقادى تېخىمۇ چىڭىغان. ئۇ كۆڭلىدە: ئامېرىكا جاھانگىرلىكى قاراقچىلىرىنى يوقاتماي تۇرۇپ، ھەرگىز ۋەتەنگە قايتمايمەن! دەپ قەسەم قىلغان، ئۇ يەنە كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق يازغان: «ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماڭا تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئوقى تېگىپ كەتسە، سەپداشلىرىم ھەرگىز يېنىمدا توختاپ قالماڭلار! چوقۇم داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، مىليونلىغان چاۋشيەن خەلقى ۋە قۇربان بولغان يولداشلار ئۈچۈن قەتئىي قىساس ئېلىڭلار!»

1952- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى، يېڭى يىل ئەمدىلا كىرگەن ۋاقىت دەل چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى قار - مۇز قاپلايدىغان مەزگىل ئىدى. لو شېڭجياۋ ئەتىگەندىلا يېقىن ئەتراپتىكى مۇز تۇتۇپ كەتكەن دەريا بويىغا كېلىپ، بومبا تاشلاشنى مەشىق قىلماقچى بولۇۋاتاتتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، دەريا يۈزىدە تۇيۇقسىز بىرقانچە چاۋشيەنلىك بالىنىڭ ھودۇقۇپ يىغلاپ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. لو شېڭجياۋ چاۋشيەن تىلىنى بىلمەيتتى، لېكىن ئۇ چاۋشيەنلىك بالىلارنىڭ قول ئىشارىتى ۋە يېرىلىپ كەتكەن مۇز يۈزىنى كۆرگەندە دەرھال ھەممىنى چۈشەندى. ئۇ بىر تەرەپتىن كاچكۇلغا قاراپ كۈچىنىڭ بارىچە يۈگۈرسە، بىر تەرەپتىن پاختىلىق چاپىنىنى سېلىپ، سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق دەريا سۈيىگە سەكرىدى.

نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇققا قارىماي، لو شېڭجياۋ تەمكىن، سالماق بولۇپ، ناھايىتى تېزلا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ھېلىقى چاۋشيەنلىك بالىنى ئىزدەپ تاپتى ھەم ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۇ يۈزىگە كۆتۈرۈپ چىقتى. ئەمما، كاچكۇلنىڭ گىرۋىكىدىكى مۇز نېپىز بولۇپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى كۆتۈرەلمىگەچكە، ئىككىسى يەنە سۇغا چۈشۈپ كەتتى.

بىر قېتىم، ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم... بالا ئۈچ قېتىم سۇ يۈزىگە ئىتتىرىپ چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈچلا قېتىمدا قىرغاققا چىقالمىدى. بۇ ۋاقىتتا، لو شېڭجياۋنىڭ جىسمانىي كۈچى خوراپ تۈگەپ، پۇت - قوللىرى ئۇيۇشۇپ قېتىشىشقا باشلىدى، لېكىن ئۇ يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن سۇ ئاستىغا يەنە بىر قېتىم چۆكۈپ، يەنە بىر قېتىم بالىنى تاپتى ھەم يەنە بىر قېتىم ئۇنى سۇ يۈزىگە ئىتتىرىپ چىقاردى...

قۇتقۇزۇۋېلىنغان بۇ بالا دەل كېيىن چاۋشيەن ئارمىيەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندان سۈي يىڭ ئىدى. ئەمما لو شېڭجياۋ قايتا ئۈستىگە چىقالمىدى.

ئىنقىلابىي قۇربان لو شېڭجياۋنىڭ جەسىتىنى تاپقاندىن كېيىن، چاۋشيەننىڭ شىتيەنلى خەلقى ئىنتايىن قايغۇردى. ئۇلار چاۋشيەننىڭ يەرلىك ئەڭ داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى بويىچە، ئۇنى ياپيېشىل، گۈزەل فوتىدۇڭ تېغىغا دەپنە قىلدى. شىتيەنلى خەلق كومىتېتى لو شېڭجياۋ قۇربان بولغان جايغا بىر ياغاچ ئابىدە تىكلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە: «چاۋشيەن زېمىنىدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن خەلقنىڭ ھەممىسى دوستىمىز يولداش لو شېڭجياۋنى مەڭگۈ ئەستە ساقلىشى، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھىدىن ئۆگىنىشى كېرەك» دەپ يېزىلغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى