شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى تەيىنلىدى-قالدۇردى:
بىرىنچى، خۇڭ لياڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرما فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
چېن خەينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرما فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئىككىنچى، پاڭ سېننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
چاڭ خۇانى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئۈچىنچى، سۇڭ ئەيگونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
لياۋ لىچياڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
تۆتىنچى، خۇ جاۋمىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىرودىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
شۈ ئېرۋېن (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىرودىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
بەشىنچى، ۋاڭ مىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نورۋېگىيە پادىشاھلىق دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
يى شيەنلياڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نورۋېگىيە پادىشاھلىق دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئالتىنچى، يۈ جيەنخۇانى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىكىدىن، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
چېن شۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىكىگە، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.