تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نەزەرىيە ئۆگىنىشتە «يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش» كېرەك

شۈ چىڭگۇاڭ

كىشىلەر تاماق يېگەندە ئادەتتە ئىككى خىل ئەھۋال بولىدۇ: بىرى، ئاچ بۆرىدەك يېيىش، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئاشقازان - ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئاسانلا ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؛ بىرى، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش، بۇ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىش ھەم ئاشقازان - ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق.

تاماق يېيىش شۇنداق، نەزەرىيە ئۆگىنىشمۇ شۇنداق. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار نەزەرىيە ئۆگىنىشتە يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇشقا ئەھمىيەت بەردى: ھەقىقىي ئۆگەندى، كۆڭۈلنى توختىتىپ زېھنىنى يىغىپ ئۆگەندى، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگەندى، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگەندى، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگەندى... چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا، قەتئىي بولۇشنى ئۆگىنىپ، سادىقلىقنى ئۆگىنىپ، ئاڭلىقلىقنى ئۆگىنىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈردى، تەپەككۇرى ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئىدىيەۋى مەنزىلنى يۈكسەلدۈردى، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش نىشانىغا يەتتى.

ئەكسىچە، ئەگەر نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئاچ بۆرىدەك يەپ، تەھلىل قىلمايلا قارىسىغا قوبۇل قىلغاندا، بىپەرۋالىق قىلىپ، چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئىنتىلمىگەندە، گۆھەرتاغقا كىرىپ قۇرۇق قول قايتقاندەك ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ ئىسراپ بولىدۇ. شۇڭا، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە، ئۆگىنىش پوزىتسىيەسىدىكى «ئۆگىنىشكىلا ئىنتىلىپ، ياخشى ئۆگىنىشكە ئىنتىلمەسلىك»تىن، ئۆگىنىش، ئىشلىتىش مۇناسىۋىتىدىكى «ئۆگىنىش ئۆگىنىش پېتى، سۆز سۆز پېتى، ئىش ئىش پېتى» قىلىشتىن، ئۆگىنىش ئۈنۈمىدىكى «ئۆگىنىش يۈزە بولۇش، ئۆگىنىش چېچىلاڭغۇ بولۇش، ئۆگىنىش قالايمىقان بولۇش»تىن ساقلىنىش كېرەك.

نەزەرىيە ئۆگىنىشتە كۆپرەك يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆگىنىش، مەسىلىنى تۇتۇپ ئۆگىنىش كېرەك، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، «پارتىيەمىزنىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى