تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي سېتىۋېلىش-زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا كۆپ تەرەپ پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

ئاشلىق تېرىغان دېھقانلار ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى     كارخانىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئۇرغۇتۇلدى     ئاشلىق بازىرى تېخىمۇ جانلاندى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي سېتىۋېلىش-زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا كۆپ تەرەپ پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي سېتىۋېلىش-زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھەم 2019-يىللىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي سېتىۋېلىش-زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى باشلانغاندىن بۇيان، دېھقانلار خۇشال بولغان، ھۆكۈمەت رازى بولغان، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلار ئاكتىپ قاتناشقان ياخشى ۋەزىيەت قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىسلاھاتنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولغان.

2018-يىلى، ئاپتونوم رايون 2004-يىلىدىن بۇيانقى ئىشلەپچىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى يۆنىلىش قىلغان «ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش، قويۇۋېتىپ سېتىۋېلىش، قويۇۋېتىپ بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش»تىن ئىبارەت بۇغداي سېتىۋېلىش-زاپاس ساقلاش سىياسىتىنى توختىتىپ، بازارنى يۆنىلىش قىلغان «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، بازار باھا بېكىتىش، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلار سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش، ئەلا سۈپەتلىكلىرىگە يۇقىرى تولۇقلىما بېرىش، جىددىي ئېھتىياجنى قامداشتا بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش»تىن ئىبارەت بۇغداي سېتىۋېلىش-زاپاس ساقلاش يېڭى مېخانىزمىنى ئورناتقان. شۇ يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۈرلۈك ئاشلىق كارخانىلىرى سېتىۋالغان بۇغداي جەمئىي 2 مىليون 750 مىڭ توننىغا يېتىپ، سېتىۋېلىش باھاسى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى بولغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرى ليۇ شۆمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىر يىلدىن كۆپرەك ئىزدىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى يۆنىلىش قىلغان، رايون ئەھۋالىغا، ئاشلىق ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان بۇغداينى بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش يېڭى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ۋە سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم بىر قەدەم تاشلىدى.

ليۇ شۆمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات يەنە سىياسەت توسۇقىنى يوقىتىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، ئاشلىق ۋاسىتىچىلىرى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلار بىرلىكتە بازارغا كىرىپ سېتىۋالىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك سېتىۋېلىش-زاپاس ساقلاشتىكى «يالغۇز كىشىلىك ئويۇن»ىدىن كۆپ مەنبەلىك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ «بىر سەھنىدە رىقابەتلىشىش»كە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازار مۇھىم ئامىللىرىنى قوزغىتىپ، كارخانىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاشلىق بازىرىنى جانلاندۇردى. ئىسلاھات ئارقىلىق، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي تېرىش ئاكتىپلىقى ئۇرغۇتۇلۇپ، ئاشلىقنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەندى. تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئاشلىق ساتىدىغان دېھقانلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ئاشلىق تېرىغان دېھقانلار ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى، بولۇپمۇ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي سېتىۋېلىش-زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئاپتونوم رايون ئاشلىقنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى داۋاملىق ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇغداي سېتىۋېلىش-زاپاس ساقلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى