تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«چېگرا لىنىيەسى نەدە بولسا، بىز شۇ يەرنى قوغدىشىمىز كېرەك»

− ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىسىدىكى چېگرا قوغدىغۇچى مەمەتنۇر ئوبۇلھەسەن توغرىسىدا خاتىرە

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

6- ئاينىڭ 28- كۈنى، مەمەتنۇر ئوبۇلھەسەن ئۈرۈمچىدە 6- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئاقتۇ ناھىيە بازىرىغا قايتىپ كېلىپ، چۈشتىلا تاغدىكى ئۆيى − پامىر ئېگىزلىكىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئورۇنغا جايلاشقان بۇلۇڭكۆل يېزىسى سۇنىڭبېشى كەنتىگە ماڭدى. ئاپتوموبىل تاغ تىزمىلىرىدىن ئېشىپ، تونېلدىن ئۆتۈپ، تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن، كۆز يەتكۈسىز ئېگىز تاغلارنىڭ ئارىسىدىكى نەچچە رەت سېلىنغان بىر قەۋەتلىك ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى، بۇ يەر دەل ئۇ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان جاي ئىدى. مەمەتنۇرنىڭ دېيىشىچە، 40 يىل ئىلگىرى، ئوخشاشلا چېگرا قوغدىغۇچى بولغان دادىسى ئوبۇلھەسەن بۇ يولدا پەقەتلا تۆگىگە مىنىپ، ئۈچ كۈن مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردىكى شېغىل يول ئاسفالت يولغا ئۆزگەردى، تۆگىنىڭ ئورنىغا ئاپتوموبىل ئالماشتى. مەمەتنۇر مۇنداق دېدى: «بوۋامدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئائىلىمىزدىكىلەر چېگرا قوغداپ 4- ئەۋلادقا ئۇلاشتى، جەمئىي 16 چېگرا قوغدىغۇچى چىقتى».

تاپشۇرۇقنى ئۇنتۇماسلىق

20 يىل چېگرا چارلاشنى ئۈزۈلدۈرمەسلىك

ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى تۇرالغۇسىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، مەمەتنۇر ئۆزىنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان نەرسىسى − بىر يېپيېڭى كىچىك خۇرۇم چامادىنىنى ئىنچىكىلىك بىلەن رەتلىدى. ئىچىگە مۇكاپات ئالغان چاغدا كىيگەن كىيىمى، ئەخلاق نەمۇنىچىسى تەقدىرنامىسى ۋە مۇكاپات لوڭقىسى رەتلىك سېلىنغان، قىپقىزىل شەلپەر ئىككى قاتلىنىپ ئەڭ ئۈستىگە قويۇلغانىدى. ئىشىكتىن چىقىدىغان چاغدا، 77 ياشلىق ياشانغان ئانىسى ئۇنىڭ كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، بوش ئاۋازدا مۇنداق تاپىلىدى: «بارغاندىن كېيىن ياخشى ئىشلىگىن، سالامەتلىكىڭگە دىققەت قىلغىن».

تاغ باغرىدا قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى، تاغ چوققىسىدا كۈچلۈك شىمال شامىلى چىقىپ تۇراتتى. ئېگىز تاغ ۋە تىك چوققىلار ئارىسىدا، مەمەتنۇر ۋە باشقا 11 ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ ئىككى رەت سېلىنغان بىر قەۋەتلىك ئۆيلىرى ناھايىتى كىچىك كۆرۈنۈپ تۇراتتى، لېكىن ئۆي ئالدىدىكى شامالدا لەپىلدەپ تۇرغان دۆلەت بايرىقى كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. شامال بارغانسېرى كۈچەيدى، ئۇنىڭغا ئارىلاش يامغۇر تامچىلىرى يۈزگە كۈچلۈك ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، خوتۇنى مەشكە ئوت قالاپ قىزارتىۋەتتى، مەمەتنۇر كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان چېگرا قوغداش ھېكايىسىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى.

37 يىل ئىلگىرى، يەتتە ياشلىق مەمەتنۇر تۇنجى قېتىم دادىسىغا ئەگىشىپ چېگرا لىنىيەسىگە قەدەم باسقانىدى. ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان چېگرا تېشىغا قاراپ تۇرۇپ، دادىسى ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنىدى: «ئۇ تەرەپ باشقىلارنىڭ دۆلىتى، بۇ تەرەپ بىزنىڭ دۆلىتىمىز.» ئۇ دادىسىغا ئەگىشىپ بىر تەرەپتىن چارۋا باققاچ، بىر تەرەپتىن چېگرا قوغدىدى، ئېگىزلىكتە كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە 17 يىل ئۆتتى. دادىسىنىڭ سەمىمىي، قەتئىي ئېتىقادى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلماقتا ئىدى: «چېگرا لىنىيەسى نەدە بولسا، بىز شۇ يەرنى قوغدىشىمىز كېرەك».

مەمەتنۇر ئائىلىسىنىڭ چېگرا قوغداش تارىخى بوۋىسىدىن باشلانغان، كېيىن يەنە دادىسىغا تاپشۇرۇلغان. مەمەتنۇر 24 ياشقا كىرگەن يىلى، دادىسى چېگرا قوغداش ۋەزىپىسىنى مەمەتنۇرغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. دادىسى مۇنداق دېدى: «يېشىم چوڭىيىپ قالدى، سىلەر چېگرانى داۋاملىق قوغدىشىڭلار كېرەك.» دادىسىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە ساقلاپ، مەمەتنۇرنىڭ ئېگىزلىكنى بۈگۈنگىچە چىڭ ساقلاۋاتقىنىغا 20 يىل بولدى.

ئون يىل ئىلگىرى، مەمەتنۇر ھويلىسىغا بايراق خادىسى تىكلىدى، ھەر ھەپتىدە چېگرا قوغدىغۇچىلار بىلەن بۇ يەردە دۆلەت بايرىقى چىقاردى، ئۇ: «بۇ، ۋەتەننىڭ سىمۋولى» دېدى.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەسلىك

جاپا - مۇشەققەتتىن باش تارتماي، يۇرت - ماكاننى قوغداش

ئېگىزلىكنىڭ ھاۋارايى كۆپ ئۆزگىرىدۇ. 6- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن كېيىن قىسقىلا بىر نەچچە سائەت ئىچىدە، ئاۋۋال يامغۇر ياغدى، ئۇزاق ئۆتمەيلا پۇرچاقتەك چوڭلۇقتىكى مۆلدۈرگە ئۆزگەردى. كەچقۇرۇن يەنە قار لەپىلدەشكە باشلىدى. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، مەمەتنۇر ئائىلىسىدىكىلەر مانا مۇشۇنداق جاپالىق مۇھىتتا ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى چىڭ ساقلاپ كەلدى.

تاغدا كىلىمات ناچار بولغاچقا، شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئازدۇر - كۆپتۇر چىشى چۈشۈپ تۇرىدۇ. مەمەتنۇرنىڭ مۇشۇ نەچچە يىلدا جەمئىي ئالتە تال چىشى چۈشۈپ كەتتى. ئۇ: «قىش كۈنلىرى چېگرا چارلىغاندا، ئۇسساپ كەتسەم قار يېدىم، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چىشلىرىم چۈشۈپ كەتتى» دېدى.

يىل بويى جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، مەمەتنۇر ئاشقازان كېسىلى ۋە رېماتىزم كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. بۇنىڭدىن سىرت، مەمەتنۇرنىڭ يەنە جىددىيلەشسىلا يۈرىكى بىئارام بولىدىغان كېسىلى بار. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ بىر قېتىملىق چېگرا چارلىغان چاغدىكى خەتەردىن قالغان كېسەل ئاسارىتى ئىكەن.

2008- يىلى قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى، مەمەتنۇر چېگرا چارلاۋاتقاندا، بىر يول بۆلىكىدە موتوسىكلىت مىنىپ ماڭالماي، ئامالسىز پىيادە ماڭغان. ئويلىمىغان يەردىن قېلىن قار يېغىپ، ئۇ تېخى تاغدىن چۈشمەي تۇرۇپلا، قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن. تاغدىن چۈشۈۋاتقان چاغدا، ئۇ تۇيۇقسىز پارقىراپ تۇرغان تۆت كۆزنى كۆرگەن. «ئىككى بۆرە ئەينى چاغدا مەندىن 300- 200 مېتىرلا يىراق يەردە ئىدى.» مەمەتنۇرنىڭ ئەسلىشىچە، جىددىي پەيتتە، ئۇ بىر تەرەپتىن، ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن، يەردىن تاش ئېلىپ قالايمىقان ئاتقان. بۆرىلەر قېچىپ كەتكەن، مەمەتنۇرنىڭ گۈپۈلدەپ سوققان يۈرىكى ئاندىن ئاستا - ئاستا جايىغا چۈشكەن.

نەچچە ئون يىللىق بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن مەمەتنۇر چېگرا قوغداشنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. ئۇ: مەن كىچىكىمدىن تارتىپ مۇشۇ يەردە ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم، چېگرانى قوغدىغانلىق ئۆز ئۆيۈمنى قوغدىغانلىق، قانچە جاپا تارتساممۇ ئەرزىيدۇ، دېدى.

ئىرادىسىدىن يانماسلىق

تۆت ئەۋلاد كىشى چېگرا لىنىيەسىنى چىڭ ساقلاش

مەمەتنۇرنىڭ چوڭ قىزى گۈلجامال مەمەتنۇر ئائىلىسىدىكى 4- ئەۋلاد چېگرا قوغدىغۇچى. بۇ بىرنەچچە كۈندە، ئۇ ۋە ئانىسى، سىڭلىسى تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، دادىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە مۇكاپات ئالغان كۆرۈنۈشىنى ھاياجان بىلەن كۆردى ھەم تارتىۋالغان سۈرەتلەرنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئارقا - ئارقىدىن تارقاتتى، ئۇلارنىڭ قەلبى پەخىرلىنىش ۋە ئىپتىخارلىققا تولدى.

گۈلجامال تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا، تاغقا قايتىپ چىقىپ، چېگرا قوغدىغۇچى بولدى. ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن، ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن چېغىدا پۇشايمان قىلغانلىقىنى، لېكىن دادىسى ۋە شۇنچە كۆپ چېگرا قوغدىغۇچىنىڭ يىلمۇيىل چېگرا قوغدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭمۇ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مەمەتنۇرنىڭ چوڭ ئاكىسى، بۇ يىل 60 ياشتىن ئاشقان تاجى ئوبۇلمۇ بىر چېگرا قوغدىغۇچى بولۇپ، مەمەتنۇرنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ ماختاپ مۇنداق دېدى: «ئىنىم بىر مۇنەۋۋەر چېگرا قوغدىغۇچى، ئۇ دادامغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر».

مەمەتنۇر ھەر قېتىم تاغدىن چۈشۈپ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئانىسى تاشبۈ سىلام ئۇنىڭدىن چېگرا قوغدىغاندىكى ئەھۋاللارنى سورايتتى. مەمەتنۇرنى تىلغا ئالغاندا، موماي ناھايىتى ئىچى ئاغرىغان ھالدا: «ھەر قېتىم تاغدىن چۈشسە مەن ئۇنى كېسىلىنى كۆرسىتىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىمەن، ئەمما ئۇ دائىم ئالدىراش تاغقا چىقىپ كېتىدۇ» دېدى. لېكىن موماي يەنىلا بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىدىن چېگرانى ياخشى قوغداشنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئېرىم ھايات چېغىدا دائىم <ئوغلۇم ۋە نەۋرىلىرىم مۇشۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، جەزمەن ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك> دەيتتى».

بۇ بىرنەچچە يىلدا، مەمەتنۇر ئاز بولمىغان شەرەپلەرگە ئېرىشتى، ھەربىر تەقدىرنامە، ھەربىر شەلپەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ رەتلىك قىلىپ ئۆيىنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويدى. ئانىسى مۇنداق دېدى: «بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئوغلۇمغا بەرگەن شان - شەرىپى. ئۇ مۇنەۋۋەر چېگرا قوغدىغۇچى، ۋەتەننىڭ چېگراسىنى ياخشى قوغداش ئۇنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى