تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىن ھېسسىياتى بىلەن ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش

− جىڭ ناھىيەلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى چى جيەن توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

«ئۆز جايىدا يەر تەۋرەشتىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۇسۇلى بولسا ئۈچ بۇلۇڭلۇق بوشلۇقنى تاللاپ، يەردە ئىككى قول بىلەن باشنى قوغداپ تىزنى پۈكۈپ ئولتۇرۇش...» 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ئەتىگەندە، جىڭ ناھىيەلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى چى جيەن داخىيەنزى بازىرىنىڭ بەرگىسىن كەنتىدىكى 130 نەچچە دېھقانغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر مەيدان يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئېلىپ باردى، بۇ، بۇ يىلدىن بۇيان بەرگىسىن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 3- قېتىم مۇشۇنداق مانېۋىر ئېلىپ بېرىشى.

ھەر يىلى باھار، كۈز پەسلىدە، چى جيەن ۋە خىزمەتداشلىرى جىڭ ناھىيەسىدىكى يەتتە يېزا - بازار، مەيداندىكى 100دىن ئارتۇق كەنت، ئەترەتنى ئايلىنىپ، ئاممىغا مەيدانمۇمەيدان يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. چى جيەننىڭ قارىشىچە، ئاممىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئوخشاشلا مۇھىم، ھەتتا تېخىمۇ مۇھىم ئىكەن.

 قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ نەتىجە يارىتىش

1989- يىلى 1- ئايدا، 20 ياشلىق چى جيەن جىڭ ناھىيەلىك خېيشەنتوۋ يەر تەۋرەش ئىستانسىسىغا ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىپ خىزمەتكە چۈشتى. خېيشەنتوۋ يەر تەۋرەش ئىستانسىسى ناھىيە بازىرىغا ئون نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ جاينىڭ ياز پەسلى پىژغىرىم ئىسسىق، قىش پەسلى قەھرىتان سوغۇق، باھار، كۈز پەسلىدە توختىماي قۇم - بوران كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، ئاشلىق ۋە سۇ پۈتۈنلەي ئادەم كۈچىگە تايىنىپ توشۇلىدۇ، تۇرمۇش ئىنتايىن جاپالىق، ئەمما چى جيەن مۇشۇنداق مۇھىتتا 15 يىل خىزمەت قىلدى.

خېيشەنتوۋ يەر تەۋرەش ئىستانسىسى 1984- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يەرلىككە تەۋە ئورۇن. ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن چى جيەن دەسلەپ يەر تەۋرەش ئىستانسىسىغا كەلگەندە، ئىستانسىنىڭ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ماتېرىياللىرى يوق دېيەرلىك ئىدى. كەسپىي تېخنىكىسى كەمچىل بولغان چى جيەن يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقمىغاندەك جاسارەت بىلەن خىزمەتكە باشچىلاپ كىرىشىپ كەتتى.

«ياش، غەيرەتلىك بولغاچقا، خىزمەتكە نىسبەتەن ھەم قەدىرلەش، ھەم ھېيىقىش ھېسسىياتىدا بولدۇم.» چى جيەن ئەينى چاغدىكى ئۆزىنى مۇشۇنداق تەسۋىرلىدى.

چى جيەن ياش ۋاقتىدا ناھايىتى جان پىدالىق بىلەن ئىشلىدى. توي قىلىپ ئىككىنچى كۈنىلا ئۇ يەر تەۋرەش ئىستانسىسىغا قايتىپ كېلىپ، شۇ تۇرغانچە تۆت ئاي تۇردى. دەسلەپكى بەش يىلدا، ئىستانسىدا ئارقا - ئارقىدىن يەتتە يۈرۈش ئۈسكۈنە كۆپەيدى، چى جيەن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى - ئۈچ ئاي سەرپ قىلىپلا بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئاسراشنى ئىگىلىدى، يەر تەۋرەش ماتېرىياللىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە قاتتىق يەر تەۋرەشتىن تېز مەلۇمات بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆگىنىۋالدى، 1997- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە يەنە بېيجىڭغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە باشقۇرۇش كەسپىنى ئۆگەندى.

چى جيەن كەسىپنى تەتقىق قىلىشنى غايىسى ۋە ئىنتىلىشى قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «يەر تەۋرەش كەسپىي تېخنىكا خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نەتىجە يارىتىشىم كېرەك».

چى جيەننىڭ باشلامچىلىقىدا، 1993- يىلىدىن باشلاپ، جىڭ ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ماتېرىياللىرى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە باھالاشتا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى ھەم يىلمۇيىل ئالدىنقى ئۈچنىڭ قاتارىغا كىردى، مەملىكەت بويىچە يەر تەۋرەش ماتېرىياللىرىنى باھالاشتىمۇ كۆپ قېتىم ھەر جەھەتتىن ئەلا بولدى.

2003- يىلى، يەر تەۋرەشنى يىراقتىن ئۆلچەش تېخنىكىسىنىڭ قاپلىشى جىڭ ناھىيەلىك يەر تەۋرەش ئىستانسىسىنىڭ 20 يىلغا يېقىن دالىدا كۆزىتىش - ئۆلچەش تارىخىغا خاتىمە بەردى. چى جيەننىڭ خىزمەت ئورنىمۇ ناھىيەگە كۆچۈرۈلدى، ئۇ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

 باشتىن - ئاخىر ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆڭلىگە پۈكۈش

چى جيەن يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغىلى 30 يىل بولدى. ئەگەر ئالدىنقى 15 يىلدا ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كەسىپنى تەتقىق قىلدى دېيىلسە، ئۇنداقتا كېيىنكى 15 يىلدا ئاممىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىپ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى دېيىشكە بولىدۇ. 2003- يىلىدىن باشلاپ، جىڭ ناھىيەلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسى زور مىقداردىكى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي خىزمەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا باشلىدى.

2004- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە، چى جيەن بىرلا ۋاقىتتا جىڭ ناھىيەسىنىڭ شەھەر، يېزا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقاتى ۋە مانېۋىر خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. ئاممىغا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي سېلىپ بەرگەندىن كېيىن، چى جيەندە ئۆز خىزمىتىگە قارىتا يېڭى تەپەككۇر پەيدا بولدى، «ئىلگىرى مەن پەقەت يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسەملا بولدى، دەپ ئويلايتتىم، لېكىن ئامما بىلەن ئالاقەم كۆپەيگەنسېرى، مەن ئۇلارنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ تېخىمۇ تەخىرسىز ئىش ئىكەنلىكىنى بايقىدىم».

چى جيەن ھەر كۈنى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ھەرقايسى يېزا - بازار، مەيدانلارغا، كەنت، ئەترەتلەرگە بېرىپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيلەرنىڭ سۈپىتى ۋە ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، يەنە ئاممىغا يەر تەۋرەشكە ئائىت بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇردى. لېكىن چى جيەن سۆزلەپ بېرىشنى خالىسىمۇ، بەزى ئامما ئاڭلاشنى خالىمىدى. چى جيەن بەل قويۇۋەتمەي يەنىلا ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.

2004- يىلىدىن ھازىرغىچە، چى جيەن ۋە خىزمەتداشلىرى يەر تەۋرەش بىلىملىرىگە ئائىت 2600 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيەنى تەشكىللەپ ئۆتكۈزدى، 2800 قېتىمدىن ئارتۇق يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئۇنىۋېرسال مانېۋىرىنى قانات يايدۇردى، جىڭ ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزىنى قوغداش، ئۆزىنى بىخەتەر قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

 30 يىل بىر ئىشنى ياخشى قىلىش

ئۇزاق مۇددەت كۆڭۈل قويۇپ يەر تەۋرەش سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، توپلاش، تەھلىل قىلىش چى جيەننى جىڭ ناھىيەسىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندۇردى.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، چى جيەن بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بار ئىمارەتلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئۇنىۋېرسال مانېۋىرىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرغاندىن سىرت، يەنە تۈرلۈك ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى ئۈزۈلدۈرمەي قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم ئەسلىھەلەرنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تەۋرىنىشنى يېنىكلىتىش، تەۋرىنىشنى ئايرىۋېتىش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدى ۋە ئالغا سىلجىتتى. نۆۋەتتە، جىڭ ناھىيەسىدە خەلقئارا تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروت باغچىسى، جىڭ ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى، جىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق سەككىز ئورۇن تەۋرىنىشنى يېنىكلىتىش، تەۋرىنىشنى ئايرىۋېتىش تېخنىكىسىنى قوللاندى، ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 150 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى مۇھىم مەيدان، سورۇنلارنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

باشقىلار چى جيەننىڭ ھەپىلىشىدىغىنى مۇزدەك سوغۇق ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، دەپ قارايدۇ، لېكىن ئۇ بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئىنتايىن ئىللىق ھېس قىلىدۇ. «مەن ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىسام، ئۇلارنىڭ <مىجەزى>نى ئىچكىرىلەپ ئىگىلىسەم، ئۇلار ماڭا سەكرەپ تۇرغان سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق بىنورمال ئەھۋاللارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەگەر مېنىڭ ئۇلارغا مۇھەببىتىم بولمىسا، ئۇلار ماڭا ئەۋەتكەن سىگنالنى قانداق كۆرۈپ چۈشىنەلەيمەن؟» دېدى چى جيەن تەسىرلىك قىلىپ.

2017- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، چى جيەنگە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم دۆلەت يەر تەۋرەش ئىدارىسى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە شەھەر - ناھىيەلەرنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خادىملىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاشتىكى ئىلغار خىزمەتچى» دەپ نام بېرىلدى. شان - شەرەپ ئالدىدا چى جيەن مۇنداق دېدى: «بىر ئۆمۈر بۇ ئىشنى ياخشى قىلىش مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ ئالىي شان - شەرەپ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى