تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جان تىكىپ جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلغان قەيسەر جەڭچى− گاۋ چېڭشەن

گاۋ چېڭشەننىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شېنياڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى تەمىنلىگەن)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ، 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي مىڭشەن) گاۋ چېڭشەننىڭ ئەينى يىللاردا قىسىمدىن ئەۋەتىلگەن خۇشخەۋەرنامە، تەقدىرنامىلىرىگە قاراپ تۇرۇپ، جىيەنى گاۋ جېنفېن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئەجدادلارنىڭ ئىنقىلابىي روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك».

گاۋ چېڭشەن 1922- يىلى تۇغۇلغان، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ يىشيەن ناھىيەسىدىن. 1940- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شۇ يىلى 6- ئايدا 8- ئارمىيەگە قاتنىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خەۋەرچى، بەنجاڭ، پەيجاڭ، سىياسىي يېتەكچى، ليەنجاڭ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىدا، ئۇ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن.

1951- يىلى 6- ئايدا، گاۋ چېڭشەن جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمغا قاتنىشىپ چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇش قىلغان، پىدائىي قىسىم 68- جۈن 204- شى 612- تۇەن 1- ليەنىنىڭ ليەنجاڭى بولغان.

شۇ يىلى 10- ئايدا، گاۋ چېڭشەن بۇيرۇققا بىنائەن پۈتۈن ليەننى باشلاپ چاۋشيەن پىڭئەن نەنداۋ جىنخۇاجۈندىكى 938.2 ئېگىزلىكىنى چىڭ ساقلىغان. ئۇ تۇەنجاڭغا: «بىر ئادەم، بىر مىلتىق قالغۇچە جەڭ قىلىمىز، قەتئىي بىر قەدەممۇ چېكىنمەيمىز!» دەپ بىلدۈرگەن. ئىستىھكامغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال ئاكوپلارنى تېز ياساشقا تەشكىللەپ، يەر شەكلى بىلەن تونۇشۇپ، ئوت كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەڭگە تەييارلىق كۆرگەن.

10- ئاينىڭ 16- كۈنى ئەتىگەندە، دۈشمەن ئارمىيەسى تۆت ئايروپىلان، نەچچە ئون زەمبىرەك ئوت كۈچىنىڭ ھىمايىسىدە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى تۇەن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن نۆۋەتلىشىپ ھۇجۇم قىلغان. كۈچلۈك دۈشمەنگە قارىتا، گاۋ چېڭشەن جەسۇرلۇق ۋە كەسكىنلىك بىلەن جەڭگە قوماندانلىق قىلغان، قەيەردە جەڭ كەسكىن بولسا ئۇ شۇ يەردە پەيدا بولۇپ، جەڭچىلەرنى ئىستىھكامنى قەيسەرلىك بىلەن چىڭ ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرغان. دۈشمەن ئارمىيەسىنىڭ 5- بەن ئىستىھكامىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ كۆزىتىش ئورنىدىن تېزلىكتە 5- بەن ئىستىھكامىغا كېلىپ، خادىم، قورال - ياراغ، ئوق - دورا ئاجرىتىپ سەرخىل قايتۇرما زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئوت كۈچىنىڭ ھىمايىسىدە ئايلىنىپ دۈشمەننىڭ يان ئارقا تەرىپىگە بېرىپ ھۇجۇم قوزغاپ، ئاخىر دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، ئىستىھكامنى ساقلاپ قالغان. 5- بەننىڭ بەنجاڭى، كومپارتىيە ئەزاسى گو دېجى قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. ئۇنىڭ ئىككى بىلىكى يارىلىنىپ ئەڭ ئاخىرقى بىر گىراناتنى ئاتقاندا يەنىلا: «كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ گۆشىنى تىتىۋېتەلىسەڭلارمۇ، لېكىن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۆڭىكىنى ئېزىۋېتەلمەيسىلەر» دەپ توۋلىغان.

10- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە بولغان بەش كۈندۈز تۆت كېچىدە، ئەسلىدە قارىغايلار بۈك - باراقسان ئۆسكەن 938.2 ئېگىزلىكى دۈشمەن زەمبىرەك ئوقى تەرىپىدىن بىر تاقىر تاغقا ئايلىنىپ قالغان، تاغ يانباغرىدا زەمبىرەك ئوقىنىڭ پارتلىشىدىن نۇرغۇن ئازگال پەيدا بولغان، پۈتكۈل ئىستىھكام دۈشمەن تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن، پۈتۈن ليەندە تالاپەت ئېغىر بولغان، گاۋ چېڭشەننىڭ قوماندانلىق ئورنىمۇ بىرقانچە قېتىم يۆتكەلگەن. دۈشمەننىڭ ئۈچ تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىشى، زەمبىرەك ئوت كۈچى بىلەن قامال قىلىشىغا قارىتا ئۇ تەمكىن قوماندانلىق قىلىپ، تەشەببۇسكارلىقنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم بىرقەدەر چوڭ قايتۇرما زەربە تەشكىللەپ، دۈشمەننىڭ چوڭ - كىچىك 100 قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، دۈشمەننىڭ 1800دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، يارىلاندۇرۇپ، دۈشمەن ئارمىيەسىنى باشتىن - ئاخىر ئىستىھكامغا يېقىنلاشتۇرماي، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان.

تۆت كۈن شىددەتلىك جەڭ قىلغاندىن كېيىن، گاۋ چېڭشەن باشلامچىلىقىدىكى 1- ليەندە 20گىمۇ يەتمەيدىغان ئادەم قالغان بولسىمۇ، يەنىلا داۋاملىق قەيسەرلىك بىلەن چىڭ ساقلاپ، ياردەمچى قىسىم يېتىپ كەلگۈچە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئىستىھكامنىڭ بىر سۇڭ يېرىنىمۇ قولدىن بېرىپ قويماي، خەنجياڭ دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن يۈيىنشەنگىچە بولغان كەڭ رايوندا يېڭى جەڭ سېپى بەرپا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغان. 10- ئاينىڭ 19- كۈنى، گاۋ چېڭشەن جەڭدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان بولۇپ، شۇ يىلى 29 ياشتا ئىدى.

1952- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىم رەھبەرلىك ئورگىنى ئۇنى ئالاھىدە دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ تولۇقلاپ ئەنگە ئالغان ھەم «1- دەرىجىلىك قەھرىمان» دەپ تولۇقلاپ نام بەرگەن، ئۇ تۇرۇشلۇق ليەن كوللېكتىپ ئالاھىدە دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىنغان.

گاۋ چېڭشەننىڭ جەڭگىۋار ئىش ئىزلىرىنىڭ تەسىرىدە، گاۋ جېنفېنمۇ 1977- يىلى شەرەپ بىلەن ھەربىي سەپكە قاتناشقان، ئۈچ يىلدىن كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتىپ دېھقانچىلىق قىلغان. ئۇ دائىم بالىلىرىغا مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ بوۋاڭلار ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولدى، ئەرزىيدۇ! ئاشۇ ۋاقىتتا تۇرمۇش شۇنچىلىك جاپالىق بولسىمۇ چىداپ ئۆتكەنىدۇق، بىز ھازىر يەنە نېمىدىن ئەنسىرەيمىز. ئىككى قولىمىز بولسىلا، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى