تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ «ئىككى تور»ى بارغانسېرى زىچ توقۇلماقتا

ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىن بازارغىچە بولغان تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇش

شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ «ئىككى تور»ى بارغانسېرى زىچ توقۇلماقتا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ باشلامچى كارخانا شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يېقىندا «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىدىكى ھەرىكىتىنى كۆپەيتىپ، ھالقىلارنى بىر - بىرىگە ئۇلىدى.

شىنجاڭ ئىچىدىكى سېتىۋېلىش تورى جەھەتتە، شىنجاڭ (ئاقسۇ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى تىجارەت باشلىدى، شىنجاڭ ياڭاق (ئاقسۇ) توپ سېتىش سودا بازىرى تۈرىدە ئىش باشلىنىپ ئۇل سېلىندى. شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىش تورى جەھەتتە، 300 مەھەللە مەخسۇس سېتىش دۇكىنى جىلىن ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇن شەھەرگە ماكانلىشىپ تىجارەت باشلىدى، «بەختلىك يېڭىسار. شىڭخاۋ يوۋنى» پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سەييارە كۆرگەزمە پائالىيىتى شەندۇڭنىڭ جىنىڭ شەھىرىگە كىردى، تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى مەھەللە مەخسۇس سېتىش دۇكىنى تيەنجىن شەھىرىنى مەركەز قىلغان شىمالىي جۇڭگو رايونىغا ماكانلىشىشقا تەييارلىق كۆرمەكتە...

شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى يۈەن جېنتىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 9- ئايدا، شىنجاڭ ئىچى سېتىۋېلىش تورىنىڭ ھەممىسى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش ۋە سودىلىشىش، پىششىقلاش ئىقتىدارى 3 مىليون توننىدىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ؛ بۇ يىلنىڭ يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىش تور نۇقتىسى 3300دىن ئاشۇرۇلىدۇ.

«ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشقا قاراپ قەدەم ئېلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۇزاق مۇددەت، مۇقىم سېتىش يولى ۋە تورى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

شىنجاڭ ئىچىدىكى سېتىۋېلىش تورىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېزلىتىلدى

6- ئاينىڭ 27- كۈنى، جاڭ شىڭخۇ شىنجاڭ (ئاقسۇ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزىدە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ئايلىنىپ، تەرتىپ بويىچە توپ سېتىش سودا رايونى، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەت رايونى، ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش، ئەشيا ئوبوروتى رايونلىرىغا بېرىپ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە تەمىنلەيدىغان مۇلازىمىتىنى ئىگىلىدى.

ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، جاڭ شىڭخۇ تۆت قېتىم كېلىپ، ئۆزىنىڭ شىركىتى ئاقسۇ شەھىرى خېڭشىن مېۋىچىلىكىگە يېڭى ماكان ئىزدىدى.

«شىركەت ھازىر تۇرۇشلۇق توپ سېتىش بازىرى بىرقەدەر قىستاڭچىلىق، قاتناش قولايسىز، يانداش ئەسلىھەلەر تولۇق ئەمەس، مەن سودا مەركىزىدىن تۆت دۇكان ئورنى ئىجارە ئېلىپ، شىركەتنىڭ كەسىپ مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن.» جاڭ شىڭخۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ قۇرۇق - ھۆل مېۋە مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 21 يىل بولغان، يىللىق سېتىۋېلىش مىقدارى نەچچە مىڭ توننا بولۇپ، كۆك ياڭاق ۋە چىلاننى ئاساس قىلىدىكەن.

شىنجاڭ (ئاقسۇ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى «توردىكى نەق مال ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى+تور سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا سودىلىشىش، يىغىش - تەقسىملەش مەركىزى»دىن ئىبارەت بىر گەۋدىلەشكەن تىجارەت ئەندىزىسى ئارقىلىق، تور ۋە تور سىرتى بىر گەۋدىلەشكەن شىنجاڭ ئىچى سېتىۋېلىش تورى تىجارەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇردى ھەم شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىنىڭ يىراقتىن باھا مەلۇم قىلىش، راسچوت قىلىش، چىقىم قىلىش، ھېساب ئۈزۈش، ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ماس قەدەمدە بەرپا قىلدى.

«بىز تور سىرتىدىكى ئەمەلىي بازار+توردىكى B2B ئېلېكتىرونلۇق سودا توپ سېتىش ئەندىزىسى بويىچە، دېھقان ئائىلىلىرى، ۋاسىتىچىلەر ۋە سودىگەرلەرگە قارىتا ئەزالىق تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى يولغا قويدۇق، بۇ سودا سۇپىسى ئارقىلىق، ئىچكىرىدىكى سودىگەرلەر يىراقتىن باھا سۈرۈشتۈرەلەيدۇ ۋە مەركەزلىك سېتىۋالالايدۇ، دېھقانلارمۇ تېخىمۇ كۆپ سېتىش پۇرسىتى ۋە يولىغا ئىگە بولۇپ، ياخشى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى باھادا ساتالايدۇ.» شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى مېۋىچىلىك بۆلىكىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جەي كەييۈەن مۇنداق دېدى: شىركەت كۆپ خىل تەملىك ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ياڭاق مېغىزىنى ئايرىش - تاللاش لىنىيەسى ھەمدە شاكالسىز ياڭاق مېغىزى ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزدى، بۇ، ئىلگىرىكى ئەسلىي مېۋىنى سېتىشنى ئاساس قىلغان يەككە ئەندىزىنى ئۆزگەرتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.

سودا مەركىزى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ياڭاق، چىلان، ئالما، نەشپۈت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغاندىن باشقا، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلار، ھەتتا شىزاڭنىڭ ئالى قاتارلىق رايونلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

شىنجاڭ (ئاقسۇ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، 2018- يىلى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق ئاساسلىق باغ - ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا شىنجاڭ ئىچىدە ئامباردا ساقلاش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سودىلىشىش، يىغىش - تەقسىملەش مەركىزى قاتارلىق يەتتە تۈرنى ئورۇنلاشتۇردى، يېڭىدىن قۇردى، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 1 مىليون 60 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى.

«9- ئايدا شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارغا سېلىنىدىغان ئاۋات مەزگىلگە كەلگەندە، شىنجاڭ ئىچى سېتىۋېلىش تورى تۈرىنىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئامبار ساقلانمىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش ۋە سودىلىشىش، پىششىقلاش ئىقتىدارى 3 مىليون توننىدىن كۆپرەككە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى» دېدى يۈەن جېنتىڭ.

شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىش تورىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تېزلىتىلدى

«مەن شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسىنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە ئېلىپ كەتكۈم كېلىدۇ» دېدى چاڭچۇن شەھىرى ئاھالىسى چى يەن 6- ئاينىڭ 23- كۈنى چاڭچۇن شەھىرى ئېرداۋ رايونى لىڭدۇڭ يولىدىكى شىنجاڭ مېۋىچىلىكى مېيجيا مېيگو مەھەللە دۇكىنىدا.

شۇ كۈنى، شىنجاڭ مېۋىچىلىكىنىڭ 300 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەھەللە دۇكىنى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ماكانلىشىپ تىجارەت باشلىدى. لىڭدۇڭ يولى دۇكىنى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. دۇكان باشلىقى چېن يىخەن مۇنداق دېدى: تىجارەت باشلىغان ئۈچ سائەتتە، دۇكان كۈتۈۋالغان خېرىدار 300دىن ئاشتى، تىجارەت سوممىسى 3000 يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، ئالدىنقى كۈنى شىنجاڭدا ئۈزۈلۈپ، ئايروپىلاندا توشۇپ كېلىنگەن يېڭىسار سەمەت ئۆرۈكى دۇكاندىكى بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات بولۇپ قالدى.

300 مەھەللە دۇكىنىنىڭ ماكانلىشىپ تىجارەت باشلىشى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ جىلىن ئۆلكىسىنى مەركەز قىلىپ شەرقىي شىمال بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تورى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا باسقان تۇنجى قەدىمى.

شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ يۈشەن مۇنداق دېدى: شەرقىي شىمال سېتىش تورى قۇرۇلۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جىلىندىكى يەرلىك كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يېڭى شىركەت تەشكىللەپ قۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ تەييار دۇكىنى، سېتىش يولى ۋە ئەزالىرى ھەم مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ خاس قۇرۇق - ھۆل مېۋە تەمىنلەش زەنجىرى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كۈچلۈكلەرنىڭ بىرلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

شەرقىي شىمال رايونى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىش تورىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئالتىنچى چوڭ رايون. ھازىرغىچە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى «ئۆزى قۇرۇش+قوشۇۋېلىپ قايتا تەشكىللەش+ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت» ئەندىزىسى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەھەللە دۇكىنى قۇرۇش، سودا ساراي، تاللا بازىرى، سېتىش مەيدانى مەخسۇس رايونى، مەخسۇس پوكىيىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش، رايون سېتىش سودىگەرلىرى ھەم ئىتتىپاقداش سودىگەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېز ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يولى ۋە تورىنى كېڭەيتىپ، باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈردى.

ھازىرغىچە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئىچكىرى جايلاردىكى شەھەرلەردە 976 مەھەللە دۇكىنى ئېچىپ، سودا ساراي، تاللا بازىرى مەخسۇس رايونى، مەخسۇس پوكىيىدىن 2122نى ئاسرىدى، مۇستەھكەملىدى، ئاچتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى يىجيې دۇكىنى، جۇڭگو نېفىتى كوئېنلۇن خاۋكې قولايلىق دۇكىنىغا ماكانلاشتى، ۋۇخەن، گۇاڭجوۋ، شىئەندە 12 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئايرىش - تاللاش، ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى قۇردى.

«تيەنجىن شەھىرىنى مەركەز قىلغان شىمالىي جۇڭگو بازىرى سېتىش تورى قۇرۇلۇشىغا جىددىي تەييارلىق قىلىنىۋاتىدۇ، ئەڭ تېز بولغاندا 8- ئايدا پۈتىدۇ.» ۋاڭ يۈشەن مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىش تور نۇقتىسى 3300دىن ئاشۇرۇلىدۇ، ھەربىر مەھەللە دۇكىنىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تىجارەت سوممىسى 1 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ.

«ئالاقە تورى+» سۈپەتلىك ماركىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

6- ئاينىڭ 29- كۈنى، يېڭىسار ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئۆتكۈزگەن «بەختلىك يېڭىسار. شىڭخاۋ يوۋنى» مەملىكەت بويىچە سەييارە كۆرگەزمە پائالىيىتى جىنىڭ شەھىرىگە كىردى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، جىنىڭ شەھىرى ئاھالىلىرى كۇەيشەن دۇكىنى، ئېلان، كۆرگەزمە جازىسى، سىن ئارقىلىق يېڭىسار ئۆرۈكىنىڭ ئۆسۈش مۇھىتى، ئۆستۈرۈلۈش جەريانى، مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى، دېھقانلارنىڭ ھېكايىسى قاتارلىقلارنى چۈشىنەلەيدۇ ۋە ھېس قىلالايدۇ، ئۆرۈك دوغىپى زىياپىتىگە ئېغىز تېگىش كىشىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ.

يېڭىسار ئۆرۈكى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ ھۆل ئۆرۈكىنى توردا سېتىش ئۈچۈن بەرپا قىلغان بىر يېڭى ئۆرنەك. «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئالاقە تورى قانىتىغا ئىگە قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا «تەييار ئاپتوموبىل»ىغا ئولتۇرغۇزۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈردى.

شىنجاڭ مېۋىچىلىكى داتاڭ يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ياڭ يۇڭشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈپەتلىك ماركا پىلانى» پائالىيىتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلارغا قاتنىشىپ، تاۋباۋ، جىڭدۇڭ، يۈنجى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى سۇپىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئالتە قېتىم ئۆتكۈزۈپ، يېڭىسار سەمەت ئۆرۈكى، ئاقسۇ ئالمىسى، كورلا نەشپۈتى، قاغىلىق ياڭىقى، خوتەن چىلىنى قاتارلىق جەمئىي 60 نەچچە خىل تۈردىكى، 250 نەچچە خىل تاۋارنى توردا تونۇشتۇرۇپ سېتىشنى قانات يايدۇردى.

«بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىز ئالىبابا گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلاشقان <لەززەتكە تولغان شىنجاڭ> تور ماركېتىڭ پائالىيىتىدە، 15 ناھىيە رايونى(بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتى نامرات ناھىيە)نىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا سېتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سېتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ 700 مىڭ يۈرۈشتىن ئېشىشى، سېتىش سوممىسىنىڭ 50 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يېتىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى ياڭ يۇڭشياڭ.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ مېۋىچىلىكى داتاڭ يىپەك يولى يەنە جىڭدۇڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ «شىنجاڭ مەھسۇلاتى . كەلگۈسى ئۈچۈن» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، جىڭدۇڭ - شىنجاڭ نامراتلارنى يۆلەش سارىيىنى تەسىس قىلىپ، 25 ناھىيە رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەم مىللىي قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ توردا سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى؛ خۇەنچيۇ بۇشوۋ بىلەن ھەمكارلىشىپ «جۇڭگو ئېتىزى. شىنجاڭ تاتلىقى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئېلېكتىرونلۇق سودىسى يېڭىچە پارچە سېتىش ئەندىزىسىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالما، نەشپۈت، چىلان، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلاردىن جەمئىي 110 مىڭ يۈرۈش ساتتى.

ياڭ يۇڭشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: داتاڭ يىپەك يولى داۋاملىق دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى سۇپىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، ئورگانىك بولۇشتەك سۈپەتلىك ماركىسىنى تونۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى رايون ئاممىۋى سۈپەتلىك ماركىسى، كۆپ مىقدارلىق مەھسۇلاتلار سۈپەتلىك ماركىسى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەتلىك ماركىسى ۋە كارخانا سۈپەتلىك ماركىسىنى يادرو قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەتلىك ماركا ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش