تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى رادېۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 3- كۈنى خەلق سارىيىدا بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى رادېۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - بۇلغارىيە مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكە ئۆستۈرۈشنى بىردەك قارار قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلغارىيە ئەڭ بالدۇر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىندى ۋە ئۇ ئەۋج ئالدۇرۇلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكە ئۆستۈرۈشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ سىنىقىغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو - بۇلغارىيە دوستلۇقى ئۈچۈن يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇن قوشۇشىنى، جۇڭگو - بۇلغارىيە ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيە قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدا نۇرغۇن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان قاراشقا ئىگە، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. بۇلغارىيە ئەڭ بالدۇر جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغان ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگو تەرەپ بۇلغارىيە تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا ۋە سېلىنما كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ۋە زورىيىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ياۋروپانىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، بۇ، ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاپپاراتىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسەتتە مۇقىملىقنى، سىجىللىقنى ساقلاپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئادىل، ھەققانىي بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇلغارىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، شۇنداقلا جۇڭگو − ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى ۋە تۈرتكە بولغۇچىسى، بۇلغارىيە تەرەپنىڭ داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

رادېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلغارىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇلغارىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكە ئۆستۈرۈلۈشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق، بۇلغارىيە تەرەپ چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان دەرۋازا ۋە تۈگۈنگە ئايلىنىشنى خالايدۇ. بۇلغارىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سودا، تىرانسپورت، ئاۋىياتسىيە، ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، يېڭىلىق يارىتىش، يەرلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بۇلغارىيەگە قاراتقان سېلىنمىنى زورايتىشىنى قارشى ئالىدۇ. بۇلغارىيە كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللايدۇ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. بۇلغارىيە تەرەپ ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھەمدە ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا رادېۋ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پېڭ لىيۈەن، ياڭ جيېچى، دىڭ جۇڭلى، ۋاڭ يى، جاڭ چىڭلى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.