تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ساياھەت سۈرەتچىلىكى بازىسى بەرپا قىلماقتا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: بىپايان يايلاق، دولقۇنسىمان ئېگىز تاغ، كۆپكۆك ئاسمان ئارقا كۆرۈنۈشىدە، تېخى پۈتمىگەن كىگىز ئۆي، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ياغاچ ئىشىك ئوتلاقتا تىكلەنگەن بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەردە سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى. كىگىز ئۆي ۋە ياغاچ ئىشىك بۇ يەردە تاسادىپىي پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس، بەلكى نارات مەنزىرە رايونى ساياھەت سۈرەتچىلىكى بازىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورناتقان ئەسلىھە.

گۈزەل شىنجاڭ رايون سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچى ئىنتىلىدىغان جاي. «شىنجاڭدا مۇنداقلا تارتىلغان بىر پارچە سۈرەتنى كومپيۇتېرنىڭ ئېكران كۆرۈنۈشى قىلغىلى بولىدۇ!» بۇ نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە بولغان تەرىپلىشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى بەس - بەستە كېلىشكە باشلىدى.

«يېقىنقى ئىككى يىلدا، بىز بىر قىسىم سۈرەتكە تارتىش نۇقتىلىرىنى پىلانلىق لايىھەلىدۇق، قۇردۇق، يايلاق مەنزىرىسى بىلەن يۇغۇرۇپ بىر گەۋدىگە ئايلانغان كىگىز ئۆي، ئىلەڭگۈچلۈك ئورۇندۇق ھەمدە نۇر قايتۇرغۇچ تاختا قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سۈرەتكە تارتىشىنى قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىدۇق» دېدى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى نارات مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تىجارەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى چې خۇا تونۇشتۇرۇپ.

نارات مەنزىرە رايونىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى «تۈن كېچە» «بۈيۈك چىن ئىمپېرىيەسى» قاتارلىق فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىر گۇرۇپپىسىنى بۇ يەرگە كېلىپ تاشقى مەنزىرىنى سۈرەتكە ئېلىشقا جەلپ قىلدى، مەنزىرە رايونى فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى ئىشلەتكەن سۈرەتكە ئېلىش مەيدانى، سەھنە جابدۇقلىرى قاتارلىقلارنى ساقلاپ قېلىپ، سۈرەتكە ئېلىش كوللېكتىپى قۇرۇپ، داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرگە تىياتىردىكى پېرسوناژلارنىڭ كىيىمىنى كىيگۈزۈپ، سەھنە جابدۇقلىرىنى تۇتقۇزۇپ، تاشقى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىش ئورنىدا ئۇلارنى سۈرەتكە تارتتى.

نارات مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەت سۈرەتچىلىكى ساياھىتى، يايلاقتىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت سۈرەتچىلىكى باش تېما قىلىنغان زاكازلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى بارغانسېرى جانلاندى. 6- ئاي كىرگەندىن بۇيان، ھەر كۈنى ساياھەت سۈرەتچىلىكى زاكازلىق ساياھىتىگە قاتناشقان ساياھەتچى 300 - 200 كىشىگە يەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونى ساياھەت سۈرەتچىلىكى كەسپىگە ئەھمىيەت بەردى، تېخىمۇ كۆپ مەنزىرە رايونى ساياھەت سۈرەتچىلىكى بازىسى قۇرۇشقا باشلاپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈش، شەخسىي سۈرەتكە چۈشۈش، ساياھەت قىلغاچ سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىقلارغا جەلپ قىلدى.

«شىنجاڭدىكى يايلاق، ئورمان، قۇملۇق ھەمدە قارلىق تاغ، كۆل، كۆك ئاسمان قاتارلىقلار ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا تولىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە، ساياھەت سۈرەتچىلىكى بازىسى قۇرۇش ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە.» بورتالا ئوبلاستىدىكى شىخەي فوتو سۈرەت مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، 20 نەچچە يىل سۈرەتكە تارتىش بىلەن شۇغۇللانغان ياڭ خۇ شۇنداق قارىدى. ھازىر سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا «ئەتىياز پەسلىدە گۈل - گىياھلارنى سۈرەتكە تارتىش، يازدا ئوتلاق، كۆل سۈيىنى سۈرەتكە تارتىش، كۈزدە تۆكۈلگەن يوپۇرماقلارنى سۈرەتكە تارتىش، قىشتا قار مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىش»تىن ئىبارەت تۆت پەسىللىك ساياھەت سۈرەتچىلىكى مەھسۇلاتى شەكىللىنىپلا قالماي، يەنە سايرام كۆلىنى مەركەز قىلغان، كەڭساي، قورغاس ئۈستىقۇددۇس بازىسى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساياھەت سۈرەتچىلىكى لىنىيەسى شەكىللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ گۈزەل مەنزىرە، سۈرەتكە تارتىش نۇقتىسىنى مۇجەسسەملىدى.

زى مۇ فوتو سۈرەت خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ساياھەت سۈرەتچىلىكى ساھەسىدە خېلى داڭقى بار، زى مۇ 2006-يىلىدىن باشلاپ فوتوگراف بولۇشنى باشلىغان. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، ساياھەت سۈرەتچىلىكىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ سىرتىدىكى خېرىدارلار بارغانسېرى كۆپەيدى، زى مۇ ھەر يىلى نەچچە ئون ساياھەت سۈرەتچىلىكى كەسپىنى قوبۇل قىلىدۇ. «كۆپ قىسىم خېرىدار توردا مەن تارتقان سۈرەتلەرنى كۆرۈپ ياكى دوستلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭغا كەلگەن» دېدى ئۇ.

ھازىر، بىر قىسىم ساياھەت كوپىراتىپلىرىمۇ ساياھەت سۈرەتچىلىكى لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ساياھەت كوپىراتىپى 2018- يىلىدىن باشلاپ فوتو سۈرەت ئاپتوموبىل ھۆددىگە بېرىش ساياھەت مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە بەشتىن ئونغىچە ئۆمەكنى يولغا سالىدۇ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر. ھازىر، بىر ئاي بۇرۇن تىزىملىتىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يىل 9- ئايدا، بۇ ساياھەت كوپىراتىپى جەنۇبىي شىنجاڭغا بارىدىغان فوتو سۈرەت ئاپتوموبىل ھۆددىگە بېرىش ساياھەت مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭدا ساياھەت سۈرەتچىلىكىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت سۈرەتچىلىكى كەسىپلىرىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى. بورتالا ئوبلاستىدىكى شىخەي بوجۆ ساياھەت سۈرەتچىلىكى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ساياھەت سۈرەتچىلىكى كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، قارشى تەرەپنىڭ شىنجاڭدا سۈرەتكە تارتىش كەسپىنى ئۈستىگە ئالدى. 7- ئاي كىرىشى بىلەن، بورتالا ئوبلاستىدىكى شىخەي 15 زاكاز قوبۇل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى