تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«لى ئاكامنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇۋالسام، مەن ئاندىن خاتىرجەم بولىمەن»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چېن، ئىختىيارىي مۇخبىرى ۋېي يەنرۇڭ

«ئېركىن ئىنىم، ئاخىر كەلدىڭ، سېنى بەكمۇ سېغىندىم!» 6- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چۆچەك شەھەرلىك تاشقى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ چۆچەك شەھىرىنىڭ ئېمىل يېزىسى جار سۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئېركىن قالى يېمەكلىك، مېۋە - چېۋىلەرنى ئېلىپ چۆچەك شەھىرى يىياڭيۈەن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ لى تەيخېنى يوقلىدى، لى تەيخې كىچىك بالىدەك ھاياجانلىنىپ كەتتى.

بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن لى تەيخې تەنھا بولۇپ، بىرئاز ئىچ مىجەز ئىدى، كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا ئۆيدە ئۆزى يالغۇز تۇراتتى.

بۇلتۇر يىل بېشىدا، ئېركىن تەشەببۇسكار ھالدا لى تەيخې بىلەن تۇغقانلاشتى. ئېركىن لى تەيخېنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، نەرسە - كېرەكلەرنىڭ ئۆيگە دۆۋىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال يېڭىنى تۈرۈپ لى تەيخېنىڭ يوتقان - كۆرپىسىنى رەتلەپ، ئۆيىنى تازىلاپ بەردى، لى تەيخې ئىنتايىن تەسىرلەندى.

ئەينى چاغدا لى تەيخېنىڭ سالامەتلىكى يامان ئەمەس ئىدى، تۇرمۇشتىمۇ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايتتى. ئېركىن ئادەم تېپىپ ئۇنىڭ توكلۇق سۇ پومپىسىنى رېمونت قىلدۇرۇپ بېرىپ، ھويلىسىدىكى بوش يەرگە كۆكتات تېرىپ بەردى. ئېركىن لى تەيخېنىڭ سۈپۈرگە بوغالايدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى سۈپۈرگە بوغۇپ سېتىشقا ئىلھاملاندۇردى ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ سېتىشىپ بەردى.

قىشتا، ئېركىن يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ئۈچ توننا ئىسسىنىش ياردەم كۆمۈرى ئىلتىماس قىلىپ، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە لى تەيخېنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى. ئېركىن يەنە باشقا ئىككى ياردەم بېرىش - يۆلەش كادىرى بىلەن بىللە پۇل چىقىرىپ، لى تەيخېنىڭ ئۆيىگە مەش ئورنىتىپ بېرىپ، ئوتقا چىداملىق خىش بىلەن تام مەش سېلىپ بەردى.

بۇ يىل 1- ئاينىڭ 30- كۈنى، قار يېغىپ شىۋىرغان چىقىپ، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالدى. تاڭ سەھەردە، ئېركىن لى تەيخېنى يوقلاپ بېرىپ، لى تەيخېنىڭ كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا يېتىپ قالغانلىقىنى، چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. ئېركىن دەرھال: «لى ئاكا، سىزگە نېمە بولدى؟» دەپ سورىدى. لى تەيخې «ئا، ئا» دېگەن ئاۋازنىلا چىقىرىپ گەپ قىلالماي قالدى. ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى بايقىغان ئېركىن دەرھال تېلېفون بېرىپ كەنت كادىرلىرىنى چاقىرىپ كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە لى تەيخېنى چۆچەك شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردى. دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، ئېركىن دائىم بېرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە لى تەيخېغا پۇل ۋە نەرسە ئىئانە قىلدى.

يېرىم ئايدىن كېيىن، لى تەيخې دوختۇرخانىدىن چىقتى. لى تەيخېنىڭ تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېركىن چۆچەك شەھىرى يىياڭيۈەن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياشانغانلار ساناتورىيەسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، لى تەيخېغا ياردەملىشىپ بىر كارىۋات ئۇقۇشۇپ بەردى.

ۋاقتى بولسىلا ئېركىن ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ لى تەيخېنى يوقلاپ تۇردى، ئېركىن ئۇنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، سالامەتلىكىنىڭمۇ ئاستا - ئاستا ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ خېلىلا خاتىرجەم بولۇپ قالدى.

ئېركىننىڭ ئېيتىشىچە، لى تەيخېنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلانسا، ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدىكەن. «بىر يىلدىن كۆپرەك باردى - كەلدى قىلىشتا، لى ئاكام ماڭا بەكلا تايىنىپ قالدى، ئۇ ھەر كۈنى مېنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ. لى ئاكامنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋالساملا خاتىرجەم بولاتتىم».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى