تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن «نامراتلىق يىلتىزى»نى قومۇرۇپ تاشلاش

− پەيزاۋات ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر لى چاڭچىڭ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلىرى، پەيزاۋات ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر لى چاڭچىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا - كەنتلىرىدە ئالدىراش يۈرۈۋاتاتتى. ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن «نامراتلىق يىلتىزى»نى قومۇرۇپ تاشلىغاچقا، يۇرتداشلار سەمىمىي ھالدا ئۇنى «لى فۇپىن» دەپ ئاتىدى.

نامرات ناھىيەنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە قەسەم قىلىش

پەيزاۋات ناھىيەسى ئېغىر نامرات ناھىيە، كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ يەردىكى نۇرغۇن دېھقاننىڭ كىرىمى ئىزچىل نامراتلىق سىزىقىدىن تۆۋەن بولۇپ كەلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىستىكى ئىنتايىن تەخىرسىز ئىدى.

1996- يىلى، لى چاڭچىڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنى پۈتكۈزۈپ پەيزاۋات ناھىيەسىگە كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شارائىتى ئەڭ ناچار يېزا - بازارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

«يېزىدا ئىشلىسىڭىز، تۇپراققا يىلتىز تارتىشىڭىز كېرەك»، بۇ ئىدىيەنى كۆڭلىگە پۈككەن لى چاڭچىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك دېھقانلار بىلەن بىللە دېھقان ئائىلىلىرىگە بېرىپ پاراڭلىشىپ، سىياسەت سۆزلەپ، بېيىش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئادەتتىكى كادىردىن ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، ئاندىن ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر بولغانغا قەدەر، لى چاڭچىڭ ئىزچىل قاتتىق بېرىلىپ ئىشلىدى.

ئۈچ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلىنىش پەيتىدە، لى چاڭچىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىغا كېلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، نامرات ناھىيەنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە قەسەم قىلدى.

لى چاڭچىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىدىكى يولداشلارنى يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ۋە قېرىنداش ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، تەتقىق قىلدى، پۈتۈن ناھىيەدىكى 310 مەمۇرىي كەنتنى ئايلىنىپ چىقىپ، زور مىقداردىكى بىرىنچى قول ماتېرىيال ئىگىلىدى؛ ناھىيەلىك پارتكومغا پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، سەرخىل قوشۇن، قابىللارنى تاللاپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئەۋەتىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 13 يېزا - بازاردا نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قۇرۇشقا، كەنتلەرنىڭ ھەممىسىدە نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

پەيزاۋات ناھىيەسى ئۈچ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يىرىك پىلانى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى قاتارلىق بىر قاتار لايىھەلەرنى يولغا قويۇپ، ھەر يىلى %40 لىك ئېشىش سۈرئىتى بىلەن سېلىنما مەبلىغىنى نامراتلارنى يۆلەشكە ئىشلىتىپ، كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزدى...

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

«پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن ئىشلىگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاپ، تەدبىر پىلانلاپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللانغىلى بولىدۇ.» لى چاڭچىڭ دائىم نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىغا شۇنداق دەيدۇ.

ئوبيېكتنى نىشانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لى چاڭچىڭ «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ياخشى تۇتۇپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، «ئون چوڭ قۇرۇلۇش» ۋە «بەش ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى ئالغا سىلجىتقاندىلا، ئاندىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىدۇ.

2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بەش قېتىملىق تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇچۇرنى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى ئاساسىدا، پەيزاۋات ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پۈتۈن ناھىيەدىكى ئېغىر نامرات يېزا - بازار، كەنت ۋە نامرات ئاھالىلەرنىڭ دەل سانلىق مەلۇماتىنى بېكىتىپ، نامراتلىقنىڭ تېگى - تەكتىنى ئىگىلەپ، «ئاھالىلەردە كارتا بولۇش، كەنتتە جەدۋەل بولۇش، يېزىدا قوللانما بولۇش، ناھىيەدە ئارخىپ بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

پۈتۈن ناھىيەنىڭ نامراتلىق سەۋەبىنىڭ مۇرەككەپ بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، لى چاڭچىڭ نامراتلارنى يۆلەش كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى بارلىق نامرات كەنتتە «قۇشقاچنى ئوپېراتسىيە قىلىش» شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى قانداق چوڭقۇر يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدەندى.

لى چاڭچىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئۇچۇر سۇپىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 23 تارماق بىلەن ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. سانلىق مەلۇمات توپلاش، تۈرگە ئايرىش، سېلىشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش» كونكرېت تەدبىرلىرىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەبلەغ تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ دەللىك دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە 25 مەخسۇس ھەرىكەت كوللېكتىپ كۈچ چىقىرىپ، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىدىغان، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

«بىر قەۋەت تېرەم چۈشۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى نامرات ئاممىنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمەن.» لى چاڭچىڭ مۇشۇنداق دېدى ھەم مۇشۇنداق قىلالىدى.

لى چاڭچىڭ كۈندۈزى يېزا - كەنتلەرگە قاتراپ، تارماقلارغا بېرىپ، ئاممىدىن، كەنتنىڭ 1- شۇجىسىدىن، تارماقلاردىن مەسلىھەت سوراپ، كەچتە باش قاتۇرۇپ، چىقىش يولى ئۈستىدە ئويلىنىپ، تەدبىر ئىزدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. قايتا - قايتا دەلىللەش ئارقىلىق، ئۇ پەيزاۋات قويى، پەيزاۋات قوغۇنى، پەيزاۋات ئەينۇلاسى قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى خاس كەسىپ قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

2018- يىلى، 10 مىڭ تۇياق نەسىللىك قوي يېتىشتۈرۈش مەركىزى قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى 2647 نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. شۇ يىلى، پەيزاۋات قويى، پەيزاۋات قوغۇنى، پەيزاۋات ئەينۇلاسى قاتارلىق خاس كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرگەن كىرىم ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن ناھىيە بويىچە دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىدە 752 يۈەن، 1000 يۈەن، 2545 يۈەننى ئىگىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، پەيزاۋات ناھىيەسى 300 مىڭ مو يەرگە پەيزاۋات ئەينۇلاسى، 200 مىڭ مو يەرگە پەيزاۋات قوغۇنى تېرىدى، يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا دەسلەپكى نەتىجە - ئۈنۈمنىڭ قولغا كېلىشىگە ھەمدەم بولدى.

بۇ يىل لى چاڭچىڭ يەنە نەسىللىك چارۋا كۆپەيتىش مەركىزىدىن ئىككىنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئىككىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشقا، تۆت يېزا - كەنت چارۋىلىرىنى ھاۋالىلىك بېقىش مەركىزى ۋە باقمىچىلىق رايونىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. پەيزاۋات قويىنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى ۋە ئەلالاشتۇرۇلدى، دېھقانلارنىڭ چارۋىلىرى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىلغاندىن كېيىن، ھويلا - ئارانلىرى رەتلىك - پاكىز بولدى، يېزا - كەنتلەرنىڭ مۇھىتى گۈزەللەشتى.

بىر يىلدىكى 365 كۈندە، لى چاڭچىڭ پۈتۈن زېھنىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە سەرپ قىلدى. خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ، تاماق ئاپىرىپ بەردى، لېكىن ئۇ بىر تەرەپتىن قۇرۇق نان يەپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىشنى تېخىمۇ خالايتتى. «لى مۇدىرنىڭ قەلبىدە نامرات ئامما بار» دېدى پەيزاۋات ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى جاڭ ۋېنجىڭ.

شاپتۇل بازىرى توشقانلا كەنتىدىكى مېيىپ دېھقان قادىر داۋۇتنىڭ ئۆيىدىن يامغۇر ئۆتۈپ كېتەتتى، لى چاڭچىڭ مائاشىغا ياپقۇچ سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۆگزىسىنى يېپىشقا ياردەم قىلدى. نامرات ئاھالە ئىمىن سۇلايمان لى چاڭچىڭنىڭ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ قوي قوتىنى سېلىپ بېرىپ، ئۇنى باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ... لى چاڭچىڭ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى 2017- يىلىدىكى %18.9تىن نۆۋەتتىكى %12.2كە چۈشتى. ناھىيە بويىچە 20 ئېغىر نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندى، 4124 ئائىلە، 16 مىڭ 384 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىشى بېشى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 900 نەچچە يۈەن كۆپەيدى...

«ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە بىۋاسىتە قاتنىشالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، ئىپتىخارلىنىمەن!» بۇ خىل قىزغىنلىق لى چاڭچىڭنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ئاتلاندۇردى، ئۇ ئۆز ھەرىكىتى بىلەن بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكىنى ئىزاھلاپ چۈشەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش