تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

تاغ چوققىسىدىكى يايلاق ـ مىڭبۇلاق

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يى شيۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خۇي فوتوسى خەۋىرى): 7-ئايدىكى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى مىڭبۇلاق يايلىقى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل كۈنلىرىنى كۈتۈۋالدى، ئىپتىدائىي يايلاق، قارلىق چوققا مەنزىرىلىرى نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى.

ئىگىلىنىشچە، مىڭبۇلاق دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2300 نەچچە مېتىر كېلىدىغان تاغ چوققىسىدىكى يايلاق ئىكەن. ھەر يىلى ياز پەسلىدە بۇلۇت، تۇمانلار تاغ ئارىسىدا ئۈزۈپ، كىشىلەرنى «ياپيېشىل ئوتلاققا دەسسەپ تۇرۇپ، قولنى سوزسىلا، كۆپكۈك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇتنى تۇتالايدىغاندەك» خىيالىي تۇيغۇغا باشلايدىكەن. فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى سۈن مىڭچىڭ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردىكى تاغ گۈللىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، قىزىل، سېرىق، سۆسۈن، ئاق رەڭلىك، ئوخشىمىغان رايونلارغا ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى گۈللەر تارقالغان، ئاڭلىشىمچە ھەر بىر خىل گۈلنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى ئوخشىمايدىكەن، تاغ ئارىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، پۈتكۈل ياز پەسلىدە گۈزەل ھالەتنى ساقلايدىكەن.»

ھازىر مىڭبۇلاق يايلىقىدا ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلغان بولۇپ، مېھمانخانا، خاس مەھسۇلات دۇكانلىرى، دېھقانلار ئارامگاھى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ناخشا-ئۇسسۇل ئويۇنى، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش ئاسراش مۇلازىمىتى ۋە دالا ئاپتوموبىل ئەترىتى ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتى سۇپىلىرى بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى