تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ

− قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرنى قەيسىرانە «باشلىغانلىقى» توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ ۋاڭمىن، يۈەن رۇتىڭ، خۇاڭ كېشىن

1934- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە جياڭشى يۈدۇدىن يولغا چىقىپ، 1935- يىلى يېڭى يىلغىچە بولغان ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، دەريا - ئېقىنلارنى كېچىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ تۆت قامال قىلىش لىنىيەسىنى ئۇدا بۆسۈپ ئۆتتى.

قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرنى باشلاش باسقۇچىنى ئىزدەپ زىيارەت قىلىش سەپىرى ئۈستىدە، مۇخبىرلار قىزىل ئارمىيەدىكىلەرنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىق ھېكايىسىدىن تەسىرلەندى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇلۇغ مەنىۋى جاسارىتىدىن تەسىرلەندى؛ قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردە قانداق قىلىپ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۈچلۈك ھېس قىلدى.

ئومۇمىي ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق

قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىش ئالدىن يۈرەر قىسىمىنىڭ يولغا چىقىشى مەركىزىي قىزىل ئارمىيەدىنمۇ ئىككى ئاي بۇرۇن بولدى.

1934- يىلى 8- ئايدا، قىزىل 6- جۈنتۇەنىدىكى 9700دىن ئارتۇق ئادەم جياڭشىنىڭ سۈيچۈەندىكى خېڭشى ۋە شىنجياڭكوۋدىن يولغا چىقىپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ كۆپ يولدىكى قامال قىلىشىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، خۇنەننىڭ چېنجوۋ شەھىرى گۈيدۇڭ ناھىيەسىدىكى جەيچيەن بازىرىغا كېلىپ، بۇ يەردە قەسەم بېرىپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردىكى رازۋېدكا قىلىش، يول چارلاشتىكى ئالدىن يۈرەر قىسىملىق رولىنى ئوينىدى.

گۈيدۇڭ ناھىيەسىدىكى پارتىيە تارىخى مۇتەخەسسىسى لو جيەندۇڭ مۇنداق دېدى: «يول چارلاش قوشۇنى ناھايىتى زور خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە، ئىنتىزامغا ئەھمىيەت بېرىشى، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان روھقا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى».

مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرنى باشلىغاندىن كېيىن، قىزىل 2-، 6- جۈنتۇەنى غەربىي خۇنەندە ھۇجۇم قوزغاپ، دۈشمەننىڭ 11 شى، يەنە ئىككى لۈي ئەسكىرىي كۈچىنى يۆتكەلدۈرۈپ ۋە تۇتۇپ تۇرۇپ، جياڭ جيېشىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ خۇنەن - گۇيجوۋدىكى ھەرىكىتىگە كۈچلۈك ماسلاشتى. كېيىن قىزىل 2-، 6- جۈنتۇەنى خۇنەننىڭ ساڭجى ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ، قوشۇننىڭ شىمالغا يۈرۈشىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى، كېيىن قىزىل 2- يۆنىلىش ئارمىيەسى بولۇپ تەشكىللىنىپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ چوڭ ئاساسىي كۈچىنىڭ غەلىبىلىك ئۇچرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

مۇخبىرلار ساڭجى ناھىيەسىدە، ئىلگىرىكى قىزىل 2-، 6- جۈنتۇەنىنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان كونا ئورنىنىڭ رېمونت قىلىنىپ يېپيېڭى تۈسكە كىرگەنلىكىنى كۆردى. شۇ جايدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتاتتى. ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شيۇڭ جىلىن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقىنىمىز دەل قىزىل ئارمىيەنىڭ ئومۇم ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىدۇر».

باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىپ، قامالنى بۆسۈپ ئۆتۈش

مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنى قورشاش ئۈچۈن، گومىنداڭ ئارمىيەسى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىغا زور قوشۇن بىلەن تۆت قامال قىلىش لىنىيەسى ئورۇنلاشتۇردى.

10- ئاينىڭ 21- كۈنى، قىزىل ئارمىيەنىڭ ھەرقايسى جۈنتۇەنلىرى مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىققاندىن كېيىن دۈشمەن ئارمىيەسى بىلەن جەڭ قىلدى. قىزىل 3- جۈنتۇەنى 4- شىسىنىڭ 25 ياشلىق شىجاڭى خۇڭ چاۋ ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ئۇ مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا قۇربان بولغان تۇنجى شىجاڭى ئىدى. 27- كۈنىگىچە، قىزىل ئارمىيەنىڭ بارلىق قىسىملىرى تاۋجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، دۈشمەننىڭ بىرىنچى قامال قىلىش لىنىيەسىنى غەلىبىلىك بۆسۈپ ئۆتتى.

11- ئاينىڭ 11- كۈنى، خۇنەننىڭ رۇچېڭ ناھىيەسى گۇەنخېڭ ياۋزۇ كەنتىنىڭ يەنشوۋ دەرياسى بويىدا ئىككىنچى قامال قىلىش لىنىيەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈشتىكى ئەڭ كەسكىن ئۇرۇشنىڭ بىرى يۈزبەردى. گۇەنخېڭ ياۋزۇ كەنتىدىكى 88 ياشلىق بوۋاي خۇ گۇڭخەي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «يەنشوۋ دەرياسىنىڭ سۈيى قانغا بويالدى».

خۇنەننىڭ يىجاڭ ناھىيەسى 85 يىل ئىلگىرى مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە جەڭ قىلىپ ئالغان تۇنجى ناھىيە بازىرى بولۇپ، بۇ يەردە قىزىل ئارمىيەنىڭ گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئۈچىنچى قامال قىلىش لىنىيەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈشىگە قوماندانلىق قىلىش ئىشتابىنىڭ كونا ئورنى ساقلانماقتا. ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى، يىجاڭدىكى پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىزانلار ئەترىتى قىزىل ئارمىيەگە ماسلىشىپ، گومىنداڭنىڭ ناھىيە تەۋەسىدە قۇرغان بىر تۈركۈم پوتەيلىرىنى بىتچىت قىلدى ھەم قىزىل ئارمىيەگە ياردەملىشىپ ئاكوپ ياسىدى، زەمبىرەك ئوقى توشۇدى؛ جەڭ باشلانغاندىن كېيىن، يەنە پۈتۈن كۈچى بىلەن قىزىل ئارمىيە يارىدارلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

«ئۇرۇش ئارمىيەنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىق جەھەتتىكى كۈچ سىنىشىشتۇر.» يىجاڭ ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې شۈيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: خەلققە زىچ تايىنىش قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنىڭ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشىشىدىكى ئەڭگۈشتەر.

1934- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، تۆتىنچى قامال قىلىش لىنىيەسىنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان شياڭجياڭ ئۇرۇشى باشلاندى. بۇ، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ قەيسىرانە جەڭ بولدى، شۇنداقلا قىزىل ئارمىيەنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق جەڭ بولدى. توققۇز كۈنلۈك قانلىق جەڭدە، قىزىل ئارمىيەنىڭ كەڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى جان تىكىپ بۆسۈپ ئۆتۈپ، چەكسىز قەيسىرانە پىداكارلىق كۆرسىتىش روھىنى نامايان قىلدى. شياڭجياڭ ئۇرۇشىدا گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ شياڭجياڭنىڭ شەرقىدە قىزىل ئارمىيەنى قورشاپ يوقىتىش سۇيىقەستى تارمار قىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى تولۇق ساقلاپ قېلىندى.

شياڭجياڭ ئۇرۇشىدا، باش ئارقا سەپ مۇھاپىزىتى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قىزىل 5- جۈنتۇەنىنىڭ 34- شىسى شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا توسۇلۇپ قېلىپ، شىجاڭ چېن شۇشياڭ ئېغىر يارىلىنىپ، بەختكە قارشى خۇنەننىڭ داۋشيەن ناھىيەسىدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى، ئۇ قولى بىلەن قورساق قىسمىدىكى يارا ئېغىزىدىن ئۈچىيىنى تولغاپ ئۈزۈپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغاندا ئەمدىلا 29 ياشتا ئىدى، ئۇ ھاياتى بىلەن «سوۋېت رايونى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىنى ئاققۇزۇش»تەك مۇستەھكەم ئېتىقادىنى قوغدىدى.

شيې شۈيجۈن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ ئىش ئۈچۈن جەزمەن ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش كېرەك. قىزىل ئارمىيەنىڭ باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈش، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بېرىش روھى بىزنىڭ ۋارىسلىق قىلىپ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ».

گۇاڭشىنىڭ گۈەنياڭ ناھىيەسى چېن شۇشياڭ ئىلگىرى جەڭ قىلغان جاي. گۈەنياڭ ناھىيەلىك تارىخ - تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شى چيۇيىڭ: قىزىل ئارمىيە نېمە ئۈچۈن قۇربان بېرىشتىن قورقمايدۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىنقىلابتا چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچى بار ئىدى، دەپ قارىدى. «بۇنداق قەھرىمانلىق جاسارەت، مۇستەھكەم ئېتىقاد بۈگۈنكى كۈندىكى بىزنى ئىلھاملاندۇرىدۇ».

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش

شياڭجياڭ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ سانى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان چاغدىكى 86 مىڭ ئادەمدىن ئازىيىپ 30 نەچچە مىڭ ئادەمگە چۈشۈپ قالدى. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭداۋ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى قىزىل ئارمىيەنىڭ كەسكىن ھايات - ماماتلىق پەيتكە دۇچ كەلگەنلىكىدەك تاللىشىغا گۇۋاھ بولدى. دەل تۇڭداۋ يىغىنىدا، ماۋ زېدۇڭ قىزىل ئارمىيە جەزمەن غەربكە يۈرۈش قىلىپ گۇيجوۋغا كىرىپ، كۈچلۈك دۈشمەننى ئارقىغا تاشلاپ، كۈچلۈكتىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ئاجىزغا زەربە بېرىپ، ھەرىكەتچانلىقنى قولغا كەلتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ دەل قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردىكى مەشھۇر بولغان «تۇڭداۋدا ئەسكەر يۆتكىشى»دۇر. قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس خۇ چۈنسۇڭ مۇنداق قارىدى: «تۇڭداۋدا ئەسكەر يۆتكەش» بىرتۈرلۈك ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش تەدبىرىدۇر، «مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئاكتىپ نەتىجە ياراتقاندىلا، ئاندىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ».

قىزىل ئارمىيە گۇيجوۋغا كىرگەندىن كېيىن، 12- ئاينىڭ 18- كۈنى لىپىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، بوگۇ، لى دېنىڭ خاتا ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىنكار قىلدى، ماۋ زېدۇڭنىڭ جانلىق، ھەرىكەتچان تاكتىكا ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلدى. 1935- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى گۇيجوۋنىڭ ۋېڭئەن ناھىيەسىدىكى خۇچاڭدا يەنە بىر قېتىم سىياسىي بىيۇرو يىغىنى ئېچىپ، بوگۇ، لى دېنىڭ خاتا تەشەببۇسىنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلىپ، لىپىڭ يىغىنىنىڭ قارارىنى قايتا تەكىتلەپ، ۋۇجياڭ دەرياسىدىن تېزلىك بىلەن ئۆتۈپ، زۈنيىنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىشنى قارار قىلدى.

پارتىيە تارىخى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق قارىدى: تۇڭداۋ يىغىنىدىن لىپىڭ يىغىنى، خۇچاڭ يىغىنىغىچە، ئاندىن يەنە زۈنيى يىغىنىغىچە، پارتىيە تارىخىدا يۈزبەرگەن بىرىنچى قېتىملىق ئۇلۇغ بۇرۇلۇش زەنجىرى شەكىللەندى. جۇڭگو ئىنقىلابىدا ئاخىر يېڭى ۋەزىيەت ئېچىلدى.

«قىزىل ئارمىيەنىڭ مۇستەھكەم غايە - ئېتىقادى، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان مۇتلەق سادىقلىقى، قورقماس قۇربان بېرىش روھى، ھارماي - تالماي ھەقىقەتكە ئىنتىلىشى بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىزگە، زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشىمىزغا، يېڭى دەۋر ئۇلۇغ كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ» دېدى خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە تارىخى تەتقىقات يۇرتى توپلاش - تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گۇي شىنچيۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 7- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى