تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   دۆلەت ۋە مىللەت

ئېلىمىزنىڭ قۇملۇق رايونىدىكى بىردىنبىر چوڭ تىپتىكى ئېغىرلىق ئۆلچەش شەكلىدىكى پارلاندۇرۇپ سىڭدۈرۈش ئەسۋابى توپى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى

7-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاپوتوۋ قۇملۇق تەتقىقاتى تەجرىبە پونكىتىنىڭ پەن تەتقىقات خادىمى خو جيەنچياڭ پارلاندۇرۇپ سىڭدۈرۈش ئەسۋابى ساندۇقىدىكى تۇپراق ئېرىتمىسىدىن نۇسخا ئالماقتا.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي شىمال ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بايلىقى تەتقىقات يۇرتىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاپوتوۋ قۇملۇق تەتقىقاتى تەجرىبە پونكىتى مەسئۇل بولۇپ قۇرغان جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى قۇملۇق رايونىنىڭ سۇ مىقدارى تەڭپۇڭلۇقىنى ئاپتوماتىك تەقلىدىي ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى __ پارلاندۇرۇپ سىڭدۈرۈش ئەسۋابى توپى يېقىندا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان. بۇ پارلاندۇرۇپ سىڭدۈرۈش ئەسۋابى توپىغا چوڭ تىپتىكى ئېغىرلىق ئۆلچەش شەكلىدىكى پارلاندۇرۇپ سىڭدۈرۈش ئەسۋابى ئاساسىي گەۋدە قىلىنىپ، كۆچمە لاپاس ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھۆل-يېغىن تەقلىدىي سىستېمىسى ۋە يەر ئاستى سۈيى تىزگىنلەش سىستېمسى سەپلەنگەن. جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى قۇملۇق رايونىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كىلىمات بەلبېغىدىكى ھۆل-يېغىن ۋە يەر ئاستى سۇ ئورنىغا تەقلىد قىلىش ئارقىلىق، ئۆز قۇملۇق رايونىنىڭ تۇپرىقىنى تىندۇرۇپ ۋە قۇملۇق رايونىغا ماس كېلىدىغان ئاساسلىق قۇم تۇراقلاشتۇرغۇچى چاتقاللارنى تىكىپ، ھۆل-يېغىننىڭ سىڭىشى، يەر ئاستى سۈيى بىلەن تەمىنلەش، تۇپراق سۈيىنىڭ ھەرىكەت ھالىتى، پارلىنىپ تارقىلىشى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق جەريانلارنى توغرا ئۆلچەپ، شىمالدىكى قۇملۇق رايونىنىڭ سۇ مىقدارى تەڭپۇڭلۇقىنى تەقلىدىي توپلاشتۇرۇش تەتقىقاتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. بۇ سىستېما ئېلىمىزنىڭ قۇملۇق رايونىدىكى بىردىنبىر چوڭ تىپتىكى ئېغىرلىق ئۆلچەش شەكلىدىكى پارلاندۇرۇپ سىڭدۈرۈش ئەسۋابى توپى ھېسابلىنىدىكەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان) (ياڭ خاۋتيەن فوتوسى)

7-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاپوتوۋ قۇملۇق تەتقىقاتى تەجرىبە پونكىتىنىڭ پەن تەتقىقات خادىمى ياڭ خاۋتيەن پارلاندۇرۇپ سىڭدۈرۈش ئەسۋابى ساندۇقىدىكى ئۆسۈملۈكلەر يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان) (جاۋ جيېسەي فوتوسى)

7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى قۇملۇق رايونىنىڭ سۇ مىقدارى تەڭپۇڭلۇقىنى ئاپتوماتىك تەقلىدىي ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى __ پارلاندۇرۇپ سىڭدۈرۈش ئەسۋابى توپى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان) (ياڭ خاۋتيەن فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى