جۇڭگو كوماندىسى تۆتىنچى بولدى
خەلق گېزىتى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى شياۋخۇڭ): كەسكىن رىقابەتلىشىشتىن كېيىن، يېپيېڭى دۇنيا يەلكەنلىك كېمە بىرلەشمە مۇسابىقىسى — خەلقئارا يەلكەنلىك كېمە مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ نيۇيورك بېكىتى مۇسابىقىسى يېقىندا ئامېرىكىدا ئاخىرلاشتى. ئۆز رىتىمى ۋە ئىشەنچىنى تاپقان جۇڭگو كوماندىسى ئىقتىدارىنى قالتىس جارى قىلدۇرۇپ، مۇسابىقىدە تۆتىنچى بولۇپ، ئومۇمىي جۇغلانما نومۇر تىزىملىكىدىكى رەت تەرتىپتە بەشىنچى ئورۇنغا چىقتى.
«جۇڭگو كوماندىسىنىڭ بۇ خەلقئارا يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىشى غەلىبىگە باسقان تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ، ئىككى كۈندىن بۇيان، كوماندا ئەزالىرى <دۇنيا ئەينىكى> بولغان نيۇيوركتا جاسارەت بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، باتۇر، قەيسەر روھىنى نامايان قىلدى، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، داۋاملىق تىرىشسىلا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھامان مۇكاپاتلىنىش سۇپىسىغا چىقالايدۇ.» جۇڭگونىڭ نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى خۇاڭ پىڭ نەق مەيدانغا ھال سورىغىلى بارغاندا، جۇڭگونىڭ ئۇزۇن يىللىق يەلكەنلىك كېمە تارىخى ۋە ياخشى دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى بارلىقىنى، ئۇنىڭغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى دۆلەتنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى ۋە يەلكەنلىك كېمە كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى قوشۇلسا، جۇڭگونىڭ يەلكەنلىك كېمە تەنھەرىكىتىنىڭ چوقۇم ئالدىدىكىلەرگە يېتىشىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا يەلكەنلىك كېمە مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىدە جۇڭگو، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، فىرانسىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت 6 دۆلەت كوماندىسى رىقابەتلىشىدۇ.