تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياشلار زىيادە مۇسكۇل چىقارسا يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىنىش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ

  چېنىقىشنىڭمۇ چېكى بولۇشى كېرەك. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياشلار چېنىققاندا زىيادە مۇسكۇل چىقارسا يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىنىش خەۋپىگە دۇچار بولۇشى، ئېغىر بولغاندا ھەتتا يۈرەك زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.

  نەچچە كۈن ئىلگىرى «خەلقئارا غىزالىنىش توسالغۇسى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، بەزى ياشلار مۇسكۇل چىقىرىش ئۈچۈن تاماق تىزىملىكىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ياغ ۋە كاربون-سۇ بىرىكمىلىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئۆزىنى زىيادە مەشىقلەندۈرۈشكە مەجبۇرلايدىكەن ۋە بەدەن شەكلىگە زىيادە دىققەت قىلىدىكەن، بۇ «مۇسكۇل يېتەكلەش تىپىدىكى يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىقى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن، چېكىدىن ئاشقان ئەھۋالدا ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك ۋە زىيادە ھەرىكەت قىلىش سەۋەبىدىن يۈرەك زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە توسالغۇسى ۋە خامۇشلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلار 11 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان 14 مىڭ 891 ئامېرىكىلىق ياش-ئۆسمۈرنى ئوبيېكت قىلىپ، يەتتە يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، تەخمىنەن %22 ئوغۇل ۋە %5 قىزدا بۇ خىل يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى بايقالغان. مۇسكۇل چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى كۆپ مىقدارلىق ياكى بىنورمال بولغان، ۋە ياكى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دورىسى، بىرىكتۈرۈش مېتابولىزمى تۈرىدىكى ئىسترول قاتارلىقلارنى ئىچكەن.

  تەتقىقاتنىڭ 1-ئاپتورى، كالىفورنىيە داشۆسى سان فىرانسىسكو شۆبە مەكتىپىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلار تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ دوكتورى جەيسىن يۇڭتيەن مۇنداق دېدى: ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى دورا بولسا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ قاراڭغۇ رايونى بولۇپ، چېكىدىن ئاشقان ئەھۋالدا جىگەر ۋە بۆرەكنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن، ھالبۇكى بىرىكتۈرۈش مېتابولىزمى تۈرىدىكى ئىسترول قاتارلىق ھورمونلار قىسقا مۇددەت ۋە ئۇزاق مۇددەتتە ئوخشاشلا ساغلاملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، ئۇرۇقدان يىگىلەش، نورمال يېتىلمەسلىك ۋە يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىقلار. مۇسكۇل چىقىرىدىغانلار كۆپىنچە ساغلاملىقنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ، شۇڭا، مۇسكۇل چىقىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىقى نېرۋا خاراكتېرلىك ئىشتىھاسىزلىق كېسىلى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئاسان بايقالمايدۇ.

بېيجىڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى